تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى پائال تۈگىتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ساۋەن ناھىيەسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى پائال تۈگىتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ساۋەن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەم نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

شۆھرەت زاكىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ تيەنشىلى سولياۋچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە شىنجاڭ شىنتەي توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كەلدى. شىنجاڭ تيەنشىلى سولياۋچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2006 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ يوپۇق، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان پارنىك يوپۇقى ئىشلەپچىقىرىدۇ، مەھسۇلاتى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىلىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ ھازىر ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى، 6000 توننا سولياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىش زاكاز تالونىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ بولغانلىقىنى، مەھسۇلاتنى توشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆز ناھىيەسىنى سولياۋ يوپۇق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى ناھىيە(شەھەر)لەرنى سولياۋ يوپۇق بىلەن تەمىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلگەندە، شۆھرەت زاكىر بىرىنچى سەپتە ئالدىراش ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىناي دەپ قالدى، بۇ دەل سولياۋ يوپۇققا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىت، دېھقانچىلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، شىركەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپچىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتە گەرچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭ شىنتەي توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى يىلىغا 50 مىڭ توننا سۈنئىي يىپ ئىشلەپچىقىرىدۇ، 2000غا يېقىن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى شەندۇڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ. شىنجاڭ شىنتەي توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىغا كىرىش بىلەنلا، ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. زاۋۇت ئۆيىدە ئىشچىلار تەرتىپلىك ھالدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. «تامىقىڭلار قانداقراق؟» «ھازىر قەيەردە تۇرۇۋاتىسىلەر؟» «ئۆيگە قايتمىغىلى قانچە ئۇزاق بولدى؟»... شۆھرەت زاكىر ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كارخانا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، بار كۈچ بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى پائال تۈگىتىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتقان ھالەت دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. ساۋەن ناھىيەسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋاملىق قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى