تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئاممىۋى قاتناش تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ جىيې خەۋىرى): شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، قاتناش-تىرانسىپورت ئېھتىياجىمۇ ئاشتى. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قاتناش-تىرانسىپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى لىنىيەسى، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى ۋە تاكسى يولۇچىلار تىرانسپورتىدا قاتناش تەدرىجى ئەسلىگە كەلگەن.

  ئاقسۇ شەھىرىدىكى 1-يول، 2-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى نورمال تىجارەت باشلىغان. ھەر قېتىملىق ئاپتوبۇستا 18 يولۇچى ئولتۇرۇشقا چەك قويۇلغان بولۇپ، ھەربىر يولۇچى چوقۇم ماسكا تاقىشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىشى كېرەك ئىكەن، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاپتۇبۇسقا چىقىشى مەنئى قىلىنىدىكەن. ھازىر ئىككى لىنىيەگە جەمئىي 10 ئاپتوبوس سېلىنغان بولۇپ، ھەربىر ئاپتوبوس مېڭىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىنىدىكەن. ئاقسۇ شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېقىندا ئاممىنىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش نىسبىتى بويىچە، ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان لىنىيەنى تەدرىجىي كۆپەيتىدىكەن.

  ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى تاكسى تىرانسپورت كارخانىلىرى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسىپكارلارنىڭ تىجارەت مەزگىلىدە زۆرۈر بولغان مۇداپىئەنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى ھەم ئاپتوموبىللارنى ھەركۈنى دېزىنفېكسىيە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، شوپۇرلار چوقۇم ماسكا تاقاپ ھەم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ تىزىملىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىجارەت خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى، ھازىر تاكسى قاتنىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى %30 ئەتراپىدا بولدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا ناھىيە(شەھەر)لەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن تاكسى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، تەلەپ بويىچە، پىرىنسىپ جەھەتتە ئالدىنقى رەتتە يولۇچىلار ئولتۇرمايدۇ، ئادەم بىلەن يۈكنى ئارىلاشتۇرۇپ بېسىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، ئېلېكترونلۇق چىقىم قىلىش ئالدىن تاللىنىدۇ، يولۇچىلار چوقۇم ماسكا تاقايدۇ. ھازىرغا قەدەر، ۋىلايەت بويىچە 1512 تاكسى، 127 ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  3-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھەر قايسى يولۇچىلار بېكەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى لىنىيەلىرىدە قاتناش تەدرىجىي ئەسلىگە كەلگەن. ھەر قايسى يولۇچىلار بېكىتى، تىرانسپورت كارخانىلىرى مەيدان-بېكەت ئەسلىھەلىرى ۋە تىرانسپورت قوراللىرىنى «قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىش»، «ھەر قېتىملىق ئىسمېنادا ھاۋا ئالماشتۇرۇش» ۋە كەسىپكارلارنىڭ مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرگەن؛ يولۇچىلار ھەقىقىي ئىسىم بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش، ئۇلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ۋە  ئۇچۇرىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرگەن؛ بېلەت سېتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلەنگەن يولۇچى سانىنىڭ %50ىدىن تۆۋەن ھالدا يولۇچىلار نىسبىتىنى كونترول قىلىپ، بېلەت ساتقاندا يولۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئايرىپ، تارقاق ئولتۇرۇغۇزغان، بېكەت سىرتىدا توۋلاپ يولۇچى چاقىرىشنى قاتتىق مەنئى قىلغان؛ ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئارقا رەتتە ئايرىپ كۆزىتىش رايونى تەسىس قىلغان؛ يولۇچىلاردىن چوقۇم ماسكا تاقاپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئاپتوموبىلغا چىقىشنى تەلەپ قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى