تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ كارخانىلىرى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» مەنزىرىسى شەكىللەندى

  گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شىنجاڭ كارخانىلىرى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى<سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ>»دىكى تەلەپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، «ۋاقىت ئۆتۈشتۈرۈپ» تاماق يېيىش، تاماقنى ئېلىپ كېتىپ ياتاقتا ياكى خىزمەت ئورنىدا يېيىش، ئاشخانىدىكى بىر ئۈستەلدە بىر ئادەم ئولتۇرۇپ «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى شەكلى»دە تاماق يېيىشنى يولغا قويدى...

  كارخانا ئاشخانىسىدىكى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» مەنزىرىسى

  3-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى دېيىلىدۇ)، شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا كەچلىك تاماق ئۈگرە بولۇپ، ئېلىپ كېتىش قولايسىز بولغاچقا، خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاشخانىدا تاماق يەۋاتاتتى.

  ئاشخانىدا ئىلگىرىكىدەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ يوق بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تاماقنى ئېلىپ، ئۈستەلگە بېرىپ جىمجىت ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتاتتى، بىر ئادەم بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، ئوخشاش بىر يۆنىلىشكە قاراپ ئولتۇراتتى، بۇ مەنزىرە خۇددى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»غا ئوخشايتتى.

  شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا، خىزمەتچىلەر جىمجىت ئولتۇرۇپ تاماق يېمەكتە.

  دۆلەت دەرىجىلىك ۋۇجياچۈ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ شەرقىي سانائەت رايونىدىكى شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىمۇ شۇنداق ئىدى، ئەسلىدىكى تۆت كىشىلىك تاماق ئۈستىلىدە ھازىر پەقەت بىرلا ئادەم ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتاتتى.

  شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىر ئۈستەلدە بىردىن ئولتۇرۇپ تاماق يېمەكتە.

  شىنجاڭ تيەنچى ئېنىرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانىدا ھازىر 450 ئىشچى-خىزمەتچى بار بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش ئۈچۈن، كۆمۈر كان ئاشخانىسى ئەسلىدىكى جىپسىلاشتۇرغان تاماق ئۈستەللىرىنى ئايرىپ، ئارىلىقىنى 1.5 مېتىردىن قىلدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تاماق يېگەندە بىر ئادەم بىر ئۈستەلدە ئولتۇرىدىغان بولدى. «بۇ بەلكىم توردا دېيىلگەن <ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى شەكلى>دىكى غىزالىنىش بولۇشى مۇمكىن» دېدى شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور ياڭ شياۋشىن.

  شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان ئىشچى-خىزمەتچىلىرى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» شەكلىدە تاماق يېمەكتە.

  شىنجاڭ تيەنرۈن سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ «ئىمتىھان» ئۇسۇلى تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە ئايرىش تاختىسى قويۇلغاچقا، ئىككى خىزمەتچى بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان تەقدىردىمۇ بىر-بىرىنى كۆرەلمەيدۇ.

  شىنجاڭ تيەنرۈن سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىدا غىزالانماقتا، تاماق ئۈستىلىگە ئايرىش تاختىسى قويۇلغانىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى (3-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان)

  تاماق ئېلىش ئۈچۈن 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاش

  3-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 13:00 ئەتراپىدا، داتاڭ ۋۇسەيۋەن بېييى توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ماسكا تاقاپ تاماق ئېلىشقا ئۆچرەت تۇرۇۋاتاتتى، ھەربىر ئادەم بېكىتىلگەن سىزىق ئۈستىدە تۇرۇپ ساقلاۋاتاتتى، ھەر بىر سىزىقنىڭ ئارىلىقى 1.5 مېتىر بولۇپ، ئىلگىرى تاماق ۋاقتىدا ناھايىتى جانلىنىپ كېتىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسى جىمجىتلىققا چۆمگەنىدى.

  1.5 مېتىر ئارىلىقنى كۆز بىلەن توغرا مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «كۈچلۈك، يادرولۇق» بەلگىلىمە چىقىرىپ، زال ئىچىدىكى ھەر ئىككى چاقچۇق ئارىلىقىغا بىردىن قىزىل سىزىق سىزىپ چىقتى.

شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدىكى چاقچۇق ئارىلىقىغا قىزىل سىزىق سىزدى.

  شىخۇ سىكېشۇ كۆمۈر چەكلىك شىركىتى 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ھەر قېتىملىق تاماق ۋاقتىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاماق ئالدى ھەم 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلىدى.

  ھەر يېرىم سائەتتە بىر بۆلەك بولۇپ، ۋاقت ئۆتۈشتۈرۈپ تاماق يېيىش

  شىنجاڭ شىنلياڭ ياغ، يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ۋاقىت ئۆتۈشتۈرۈپ غىزالىنىشنى يولغا قويدى.

  «چۈشلۈك تاماقنى مىسال قىلساق، ئالدى بىلەن چەككىلەش سېخىدىكى خىزمەتچىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاماق ئالىدۇ، ئاندىن ئوراپ قاچىلاش سېخىدىكى خىزمەتچىلەر ئۆچرەتتە تۇرىدۇ، ئاخىرىدا مەمۇرىي خادىملار ئۆچرەتتە تۇرىدۇ. بىز مۇشۇنداق ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ، تاماق يېيىش ۋاقتىنى ئۆتۈشتۈردۇق» دېدى شىنجاڭ شىنلياڭ ياغ، يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، قوشۇمچە مالىيە باش نازارەتچىسى ياۋ خۇي.

  «داتاڭ ۋۇسەيۋەن بېييى توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاشخانىسىدا، ھازىر 370دىن ئارتۇق ئادەم تاماق يەيدۇ، بىز ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ئىزچىل ۋاقىت ئۆتۈشتۈرۈپ تاماق يېيىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تاماق ۋاقتىنى ئەتىگەن سائەت 8:30دىن 10:00غىچە، چۈش سائەت 12:30دىن 14:00كىچە، كەچ سائەت 18:30دىن 20:00گىچە قىلىپ بېكىتتۇق. ھەر يېرىم سائەتتە بىر بۆلەك بويىچە تاماق يەيمىز» دېدى داتاڭ ۋۇسەيۋەن بېييى توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى جيەن شىپېڭ.

  داتاڭ ۋۇسەيۋەن بېييى توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىدە ۋاقىت ئۆتۈشتۈرۈپ تاماق يېيىش سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، تاماقنى ياتاققا ئېلىپ كېتىپ يەيدىغان بولدى.

  تاماقنى ئېلىپ كېتىپ، خىزمەت ئورنىدا ياكى ياتاقتا يېيىش

  ھازىر شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى خۇاتەي شىركىتىدە 1400دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى ئىش ئورنىدا بولۇپ، تاماق يېيىش جەريانىدا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش نۇقتىسى تەسىس قىلدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا يىغىلىپ تاماق يېيىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر تاماقنى ئېلىپ كېتىپ، ياتاقتا ياكى خىزمەت ئورنىدا يېدى.

  «ھەر كۈنى تاماق تۈرى ناھايىتى كۆپ، چۈشلۈك تاماقتا داۋشياۋميەن، لەڭمەن، يۈرۈشلۈك تاماق بار، ئىش ئورنىدا تاماق يەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر سائەت 11:45تىن بۇرۇن ئۈندىدار توپىدا يەيدىغان تامىقىنى مەلۇم قىلىدۇ، سائەت 13:00تىن كېيىن ئاشخانا تاماقنى بىرتۇتاش ئىش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ» دېدى شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى خۇاتەي شىركىتى پارتىيە قۇرۇلۇشى-ئادەم كۈچى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ لېي.

  ئۇنىڭدىن باشقا، «شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى»دىكى شېنخۇا شېندۇڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ دوڭفاڭ شىۋاڭ رەڭلىك مېتال چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارمۇ «تاماقنى ئېلىپ كېتىپ يېيىش» ئۇسۇلىنى يولغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى