تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش سېپى»دىكى پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتچىلىرىنى زىيارەت

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتچىسى مو ياڭباۋ (ئوڭدا) خەيكوۋ شەھىرى مېيلەن رايونىدىكى بىر تېببىي مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. 
    يېقىندا، مۇخبىر خەينەن ئۆلكىسى خەيكوۋ شەھىرىدىكى تېببىي مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىكى پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتچىلىرىنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار خەيكوۋ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تاللاپ ئەۋەتكەن پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى ۋە پىسخىكا ساغلاملىق خىزمەتچىلىرى بولۇپ، ھەر قايسى تېببىي مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىلىرىدا نۆۋەتچىلىك قىلىپ، كۆزىتىلىۋاتقانلار ۋە تېببىي خادىملارنى پىسخىكا ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، زۆرۈر بولغان پىسخىكىلىق ئارىلىشىشنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتچىلىرى يەنە ئاكتىپ ھالدا كۆزىتىلىۋاتقانلار ۋە كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى باشقا خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ياردەم بەردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (پۇ شياۋشۈ فوتوسى)

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتچىسى خۇاڭ يىبىن خەيكوۋ شەھىرى چيۇڭشەن رايونىدىكى بىر تېببىي مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىدا كۆزىتىلگۈچىلەر بىلەن تېلېفوندا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتچىسى مو ياڭباۋ (سولدا) خەيكوۋ شەھىرى مېيلەن رايونىدىكى بىر تېببىي مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىدا تېببىي خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتچىسى خۇاڭ يىبىن (سولدا) خەيكوۋ شەھىرى چيۇڭشەن رايونىدىكى بىر تېببىي مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىدا باشقا خىزمەتچى خادىملاردىن كۆزىتىلگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەيكوۋ شەھىرى چيۇڭشەن رايونىدىكى بىر تېببىي مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىدا، پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتچىسى مو روخۇا ئۈندىدار ئارقىلىق كۆزىتىلگۈچىلەرنى رىغبەتلەندۈرمەكتە.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەيكوۋ شەھىرى لۇڭخۇا رايونىدىكى بىر تېببىي مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىدا، پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتچىسى ۋاڭ شيا پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت ئۇچۇرىنى تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرماقتا.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەيكوۋ شەھىرى لۇڭخۇا رايونىدىكى بىر تېببىي مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىدا، پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتچىسى چېن بەيخۇي كۆزىتىلگۈچىلەر بىلەن تېلېفوندا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەيكوۋ شەھىرى شيۇيىڭ رايونىدىكى بىر تېببىي مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ كۆزىتىش ئۆيىدە، پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتچىسى ليۇ شۈدۇڭ (سولدا) كۆزىتىلگۈچىلەر بىلەن تېلېفوندا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەيكوۋ شەھىرى شيۇيىڭ رايونىدىكى بىر تېببىي مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ سىرتىدىكى خىزمەت چېدىرىدا، پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەتچىسى ساۋ چيۇڭ (سولدا) باشقا خىزمەتچىلەرگە كۆزىتىلگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى يەتكۈزمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى