تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئىلى ئوبلاستى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى دەل جايىدا، پۇختا ئىلگىرى سۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز لى يافېڭ خەۋىرى): نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى قىيىن نۇقتىلارنى پائال جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. 3-ئاينىڭ7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ غۇلجا شەھىرى قازانچى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپلەر رايونىدىن ئىگىلىشىچە، كەسپلەر رايونىدىكى 30 كىچىك، ئۇششاق كارخانىدىن 13ى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغان، تۆت كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان، تۆت كارخانا زاۋۇت بىناسىنى پاكىز دېزىنفېكسىيە قىلىۋېتىپتۇ.

  شۇ كۈنى، غۇلجا شەھىرى چيۇلېكې يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش، قاچىلاش قاتارلىق ئاقما لىنىيەلەردە پۈتۈن سۈرئەت بىلەن ئىشلەپچىقاردى، گودەنپى تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن «چۈشتى». بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى مەۋلان تۇرغۇن مۇنداق دېدى: كارخانىمىزدا جەمئىي 32 خىزمەتچى بار ئىدى، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن توققۇز خىزمەتچى ئىشقا چۈشتى، 40 نەچچە مىڭ يۈەنلىق زاكاز قوبۇل قىلىنغانىدى، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق.

  ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. كۆپتۈرمە يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان غۇلجا شەھىرى ناۋالى يىمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى شەپكە كىيىپ، ماسكا تاقاپ يېڭىلا ئىشلەپچىقىرىلغان بەرەڭگە ياپراقچىسى، قوناق ئېتىلدۇرمىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئوراپ قاچىلىدى. «بىز بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى، يەنە بىر قولدا ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتتۇق. 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن ھازىرغىچە، يەتتە نەپەر ئىشچى ئىشقا چۈشۈپ، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلار زاكاز قىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ دىرېكتورى ئىليار ئالىم.

  ئىلى سەيجىن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇخىلىل ئابلىز مۇنداق دېدى: 12 نەپەر خىزمەتچى ھەر كۈنى ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ، دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ. بىر كۈندە 3000دىن ئارتۇق نان يېقىلىپ، ھەممىسى يەرلىكتىكى بازارغا يەتكۈزۈلدى، بۈگۈن 18-كۈنى».

  يېقىندا، ئاپتونوم رايون «يېڭى تىپتىكى تاجسمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى 16 تۈرلۈك تەدبىر»نى ئېلان قىلدى، ئىلى ئوبلاستى «يېڭى تىپتىكى تاجسمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى، غۇلجا شەھىرى تەدبىر ۋە پىكىرگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇردى.

  «نۆۋەتتە، بىز ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەربىر كارخانىغا تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ، ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى سەپلەپ بەردۇق، تۆت كارخانىدىكى 61 خىزمەتچىنىڭ كۈندىلىك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، تىزىملىك دەپتىرى تۇتتۇق، ھەركۈنى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقىنى دېزىنفېكسىيە قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەتچىلەرنى ئۇچراشتۇرماي ئايرىپ غىزالاندۇرۇشنى يولغا قويدۇق. كەسپلەر رايونى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، مۇلازىمەت ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، كەسپلەر رايونىدىكى كادىرلار ئالاقىچى بولدى، يەنى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا يولۇققان تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بەردى» دېدى غۇلجا شەھىرى قازانچى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ مۇدىرى سۇرىيە سىدىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى