2-ئاينىڭ 28-كۈنى، سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى لەنشەن تۈنخې بىيولوگىيەلىك يېڭى ماتېرىياللار پەن-تېخنىكا باغچە رايونىنىڭ PBSA ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچى خادىملار ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرمەكتە. خې لۇڭ فوتوسى
نۆۋەتتە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن سانائەت كارخانىسى 152گە يەتتى، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلار ئاساسلىقى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېمەكلىك، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيا نۇقتىلىق كارخانىلىرى ۋە تۇرمۇش كاپالىتى كارخانىلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئوبلاست بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىش باشلاش نىسبىتى %60تىن ئاشتى.
3-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئارال شەھىرى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا، شىنجاڭ ئارال يۈەنفېڭ پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشچىسى پۇرچاق مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارماقتا. سۈن گوچۈەن فوتوسى
3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئىشچىلار بۈگۈر ناھىيەسى شىڭبو ماسكا زاۋۇتىدا جىددىي ھالدا ماسكا ئىشلەپچىقارماقتا. لى جيەنپو فوتوسى