تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۆيدىن چىقمىغان مەزگىلدىكى تۇرمۇش ھەققىدە ئويلىنىش

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئويلىمىغان يەردىن «ئۇزۇن دەم ئېلىش»قا ئىگە بولدى، نۇرغۇن كىشىلەر «ئۆيدىن چىقمىغان مەزگىلىدىكى تۇرمۇش»ى توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىدى.

بىرىنچى، بۇ مەزگىلدە كىتاب ئوقۇپ، ئۆگىنىش قىلدىڭىزمۇ؟ ئادەتتە خىزمەت ئالدىراش، ۋاقىت يوق، ھازىر ئۆيدە ئولتۇرىدىغان كۆپ ۋاقىت بار، لېكىن قانچىلىك ئادەم كىتاب ئوقۇپ باقتى؟ تېلېۋىزور كۆرىدۇ ياكى تېلېفون ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئادەتتە ۋاقىت چىقىرالماسلىق پەقەت بىر باھانە خالاس، پەقەت كۆڭۈلنى تىنچلاندۇرۇپ كىتاب ئوقۇمايمىز، ئۆگىنىش قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچمۇ يوق.

ئىككىنچى، بۇ مەزگىلدە ياخشى ئارام ئالدىڭىزمۇ؟ ئادەتتە كىشىلەر دائىم ھاردىم، ئارام ئالىدىغان ۋاقتىم يوق دەپ ئاغرىنىدۇ. ھازىر دەم ئېلىش ۋاقتى ئۇزىراپ، ۋاقىت يېتەرلىك بولدى، لېكىن يەنە قانچە ئادەم ياخشى ئارام ئالالىدى؟ ئەتىسى ئەتىگەندە بالىلىرىنى تور دەرسىگە قاتناشتۇرىدىغان ئاتا-ئانىلاردىن باشقا، كەچ سائەت 11:00، 12:00دىن بۇرۇن ئۇخلايدىغانلار قانچىلىك؟ ئىشقىلىپ ئەتە ئىشقا بارمايمەن، ئۇخلىۋالسام بولىدۇ، دەپ ئويلاپ، كەچتە ئۇخلايدىغان ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدۇ، ھەتتا يوتقانغا كىرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ دوستلار چەمبىرىكىنى يەنە بىر قېتىم ئايلىنىپ قويىدۇ.

ئۈچىنچى، بۇ مەزگىلدە ئۆيدىكىلەرگە ياخشى ھەمراھ بولدىڭىزمۇ؟ ئادەتتە خىزمەت ئالدىراش، بېسىم ئېغىر بولغاچقا، ئۆيدىكىلەرگە ھەمراھ بولىدىغان ۋاقىت ئاز بولىدۇ. ھازىر ۋاقىت بار، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بىللە، لېكىن يەنە قانچىلىك ئادەم ئۆيىدىكىلەرگە چىن كۆڭلىدىن ياخشى ھەمراھ بولۇۋاتىدۇ؟ ئۆيىدىكىلەرنىڭ بىرى تېلېۋىزور كۆرسە، بىرى يان تېلېفون ئوينايدۇ، بىر كۈندىكى دېئالوگىنىڭ سانىمۇ چەكلىك.

كىتاب ئوقۇش، ياخشى ئارام ئېلىش، ياخشى ھەمراھ بولۇشتەك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي قائىدىلەرگە بىز ھەمىشە سەل قارايمىز ۋە ئۇنى ئۇنتۇپ قالىمىز. يۇقۇم شارائىتىدىكى ئۆيدىن چىقمىغان تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈڭ.

(بېيجىڭ ياشلار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى