تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋۇخەن فاڭساڭدىكى 18 ئاغرىق دوختۇرخانىدىن چىققۇچە شىنجاڭلىق قىزلارنى ماختىدى: سىلەر شىنجاڭنىڭ قوغۇن-تاۋۇزلىرىدىنمۇ تاتلىقكەنسىلەر!

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۈن يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جوۋ خەيشيا خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 10:30 لاردا، ۋۇخەن دوڭشى كۆلى رايونى فاڭساڭ دوختۇرخانىسى B زالىدا شوخ ناخشا ئاۋازى ياڭرىدى، بۇ يەردە بىر مەيدان ئالاھىدە ئۇزىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. شۇ كۈنى، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى مەسئۇل بولغان 18 ئاغرىق دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇ ئىللىق ئۇزىتىش پائالىيىتى دەل ئۇلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

  «بۆلمە ئىچىدە، بىز خۇددى بىر چوڭ ئائىلىگە ئوخشاش، ھەر بىرەيلەن ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ كەلدۇق، ئۇچراشقان ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن چوڭقۇر ھېسسىيات شەكىللەندى، ئۇلارنىڭ ئوڭۇشلۇق دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق.» دېدى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى داۋالاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ما جۈنخۇا. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار بىر زالدا بىللە ئىشلەيدىغان تۇرپان داۋالاش ئەترىتىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، 18 ئاغرىققا ئۇزىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى پىلانلىغانىدى.

  3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ما جۈنخۇا ئەترەت ئەزالىرىدىن جاڭ چېڭپېڭ، لى شىن، ليۇ يوڭۋېينى باشلاپ، تۇرپان داۋالاش ئەترىتىنىڭ توققۇز ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت مەزمۇنىنى كېڭەشتى، پات ئارىدا دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان ئاغرىقلار ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىشنى كۈتۈۋاتقان ئاغرىقلار ئاڭلاپ، ھاياجانلىنىپ كەتتى، توپتا مۇنازىرە قىلىشىپ، پائالىيەتنىڭ تېزراق ئۆتكۈزۈلۈشىگە تەقەززا بولدى.

  ئۇزىتىش پائالىيىتىدە، ئەترەت ئەزالىرى تۇرۇشلۇق جايى ئۆزلىرىگە تارقاتقان نەشپۈت، قېتىق، چىلان، ئالما، لازا قىيامى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى فاڭساڭغا ئېلىپ كەلدى ھەم مەيداننى ئاددىيغىنە بېزىدى، بىخەتەرلىك، مۇداپىئەگە كاپالەتلىك قىلغان شەرت ئاستىدا، تېببىي خادىملار ۋە ئاغرىقلار بۇ ئۇزىتىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  تېببىي خادىملار بىلەن ئاغرىقلار بىرلىكتە «ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، ناخشىنىڭ «چۈنكى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرى، بەختتىن تەڭ بەھرىلىنىمىز، قىيىنچىلىقنى تەڭ ئۈستىمىزگە ئالىمىز.» دېگەن مىسرالىرىنى ئېيتقاندا نۇرغۇن ئاغرىق ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلدى.

  «بۇ سېسترا قىزلار سەۋرچان ھەم ئەستايىدىل، بىز ئاغرىقلار بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتتى.» دېدى ئاغرىق چېن ئەپەندى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىدىن چىقىش ئالدىدا ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ قوغۇن-تاۋۇزلىرى ئىنتايىن تاتلىق دېيىشىدۇ، بۇ قىزغىن، كۆيۈمچان سېستىرا قىزلار قوغۇن-تاۋۇزلاردىنمۇ تاتلىق.

  بىر ناخشا تۈگىشى بىلەن كۆپچىلىك يەنە بىر ناخشا «دۆلەت»نى ئېيتتى.

  ما جۈنخۇانىڭ دېيىشىچە، بايىنغولىن داۋالاش ئەترىتى پەرۋىش قىلغان ئاغرىقلار بىر ئۈندىدار توپى قۇرغان بولۇپ، ئۇلار يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشنى، ۋاقتى كەلگەندە ئەترەت ئەزالىرى يۇرتىدا يىراقتىن كەلگەن بۇ دوستلىرىنى كۈتۈۋېلىشنى پىلانلىغان. (سۈرەتلەرنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ