تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشتى: «دەل جايىدا بولۇش»تىن ئىبارەت شاھماتنى ياخشى ئويناپ، «كەشتىچىلەر»نى يېتەرلىك ئىشلىتىش

  پورتلاردا چىراغلار يورۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىدە «نۆل كېچىكتۈرۈش» بولدى.

  2-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر سائەت 2دە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى لىق قاچىلانغان بىر پويىز تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، شىنجاڭ قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن ئوڭۇشلۇق ئايرىلدى. بۇ تۈركۈم ماددىي ئەشيالار چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىگە توشۇلۇپ، شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگنلەش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ.

  بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۇتۇلدى، يەنە بىر قولدا تەرەققىيات تۇتۇلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، رايونغا بۆلۈپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قوش غەلبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى.

  رايونغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش «دەل جايىدا بولۇش»تىن ئىبارەت شاھمات ياخشى ئوينالدى

2-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ سانجى شەھىرى سەنگۇڭ بازىرىغا جايلاشقان شىنجاڭ ساڭمەييۈەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەھسۇلات باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ئۇننىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە. خې لۇڭ فوتوسى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ كۆپ قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، رايونغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ، «ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قىسمەن تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تاكتىكىسىنى يولغا قويۇشنى تەكىتلىدى.

  يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇم خەۋپىنى دەرىجىگە ئايرىشقا ئاساسەن، ئىشنىڭ جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ، كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى... يېقىندا، شىنجاڭ «ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەدبىرى كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى «دەل جايىدا بولۇش»تىن ئىبارەت شاھماتنى ياخشى ئويناشقا ئېنىق چۈشەنچە بەردى.

  ماتېرىيال چىقىرىش، كېسىش، تىكىش... ماشىنىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ جىخۇا 7555 كەسپىي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تەرتىپلىك ئايلانماقتا ئىدى، ھازىر بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان تۇنجى تۈركۈمدىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

  نۆۋەتتە،شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %90كە يەتتى؛ نۇقتىلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان چارۋىچىلىققا چېتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى %70 ئەسلىگە كەلدى، گۆش، تۇخۇم، سۈت تەمىناتى كاپالەتكە ئىگە بولدى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %68.5كە يەتتى؛ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەرتىپلىك تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ يۆتكەش، زاپاس ساقلاش، تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى، ھازىر شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى زاپىسى ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەگە يەتتى؛ شىنجاڭدىكى A پېيى بازارغا سېلىنغان 55 كارخانىنىڭ 48ىدە ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلدى ياكى قىسمەن ئەسلىگە كېلىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %80تىن ئاشتى...

  قاتناش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، ماددىي ئەشيالارنى توشۇش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، خادىملارنىڭ ۋاقتىدا ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كارخانا خادىملىرىنىڭ كارخانىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەرتىپلىك تەشكىللىدى. سۈرەتنى ۋاڭ چيەنشى تەمىنلىگەن.

  2-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 12دە، مىڭ توننا ياڭاق بېسىلغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقتى، بۇ چاغاندىن كېيىن شىنجاڭدىن ياۋروپاغا قاتنىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى... 2-ئايدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 12 مىليون 192 مىڭ توننا مال توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى كۈچلۈك قوللىدى.

  ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. راۋان قاتناش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى مۇھىم تېرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قاتناش تارماقلىرى تىرانسپورت كاپالىتىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، خام ئەشيا توشۇش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلدى.

  يۇقۇم مەزگىلىدە، شىنجاڭ بويىچە تاشيول قاتنىشىدا قاتناش تورىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قاتناش تىرانسپورت كاپالىتىنى 24 سائەت توختىتىپ قويماسلىق، ئۈزۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،  ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ راۋان توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  شىنجاڭ تۆمۈريولى «چوڭ تىرانسپورت» ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەشغۇلات تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردى؛ يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى تىرانسپورت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل سەپلەشنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەشكىللەپ، ئاپتوموبىل مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشكە، ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى نۇقتىلىق ماددىي ئەشيا تىرانسىپورتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  شىنجاڭ قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى تاشيول تورىنىڭ راۋانلىقىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىم ماددىي ئەشيالارنى توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ماسلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ۋە شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى قاتارلىق كۆپ خىل تىرانسپورت شەكىللىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا بولۇش، بىر كۆزنەكلىك مۇلازىمەت قىلىش» ئارقىلىق بىۋاسىتە توشۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن خادىملار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ھالدا مەنزىلىگە يەتكۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشتى.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ بويىچە يېزىلاردىكى 60 مىڭدىن ئارتۇق ئارتۇق ئەمگەك كۈچى شەھەرگە قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىچىدىن 58 مىڭ 500 ئادەم بار.

  سىياسەت كاپالىتى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يېتەرلىك «كەشتىچى» ئىشلىتىشكە كۈچ قوشتى

شىنجاڭ باج ئىشلىرى «ئۇچراشماسلىق» مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. سۈرەتتە: خىزمەتچى خادىم سىن ئارقىلىق ئالاقىدار سىياسەت ۋە باجغا چېتىشلىق مەشغۇلاتلارنى چۈشەندۈرمەكتە. سۈرەتنى شىنجاڭ باج ئىدارىسى تەمىنلىگەن.

  كارخانىلارنىڭ تىجارەت بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىلدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئەڭ تېز سۈرئەت، ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق، توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئىنچىكە يولغا قويۇش ۋە تەشۋىقات لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى باسقۇچلۇق توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى شىنجاڭدىكى تەخمىنەن 850 مىڭ ئائىلىگە نەپ يەتكۈزىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، خېرىدارلارنىڭ ئازايغان توك ھەققى چىقىمى 481 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.

  كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخى ۋە ئاھالىلەردىن باشقىلارنىڭ گاز ئىشلىتىش تەننەرخىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلارمۇ كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېقىندا، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئارقا-ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، 35 ئاشلىق، ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسىغا 900 مىليون يۈەن قەرز پۇلى تەستىقلاپ، 500 مىليون يۈەن كرېدىت مەبلىغى تارقىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىم، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى