ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 72گە يەتتى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنۇز قويۇلغان يەنە بىر ئاغرىق مىسالى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنۇز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، شۇ كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇ ئاغرىق مىسالى تۇرپان شەھىرىدىكى ئاغرىق مىسالى.
ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ساقىيىپ دوختۇرخاندىن چىققان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 72گە يەتتى، ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلاردىن بىرى بار.