تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شىنجاڭدىن خۇبېيغا ياردەمگە بارغان داۋالاش ئەترىتىنى 20 مىنۇت مەخسۇس زىيارەت قىلدى

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئالاھىدە خەۋىرىدە،

ۋۇخەن بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۆيى ئارقىلىق

  شىنجاڭدىن بىرىنچى تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەمگە بارغان داۋالاش ئەترىتى زىيارەت قىلىندى

  مۇئاۋىن ئەترەت يېتەكچىسى دۇڭ شۈنەن

  شۇنداقلا قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-خەلق دوختۇرخانىسى

يۈرەك-كۆكرەك تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىدىن كەلگەن

شىنجاڭدىن خۇبېيغا ياردەم بېرىش پەرۋىش ئەترىتىنىڭ سېستراسى

ئايگۈل ئابدۇكېرىم

شىنجاڭدىن خۇبېيغا ياردەمگە بارغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى.

  دۇڭ شۈنەن

«بۇ قېتىم ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە كەلمىدۇق

بەلكى ئائىلىمىزگە قايتتۇق»

  نېمىشقا «ئائىلىمىزگە قايتتۇق“ دەيدۇ؟

  زىيارەت داۋامىدا،

  دۇڭ شۈنەن خۇبېيدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى تىلغا ئالدى.

  ئۇ مۇنداق چۈشەندۈردى: خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى تۇڭجى دوختۇرخانىسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇرخانىغا، خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى شيېخې دوختۇرخانىسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانىغا ياردەم بېرىپ يۆلىگەن، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى 2014-يىلدىن باشلاپلا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، ئىلىم-پەن تەتقىقاتى، پەنلەر قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىكنى نۇرغۇن مەنپەئەتكە ئېرىشتۈردى.

    ۋۇخەنگە ياردەمگە ماڭغاندا ئېيتىلغان ئۇزىتىش سۆزلىرى دۇڭ شۈنەننىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە: بىز شىنجاڭلىقلار مىننەتدار قەلبىمىز بىلەن، ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭغا خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقان قۇرغۇچىلارغا جاۋاب قايتۇرىمىز.

  ئايگۈل ئابدۇكېرىم

«مەن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم»

  ئايگۈل ئابدۇكېرىم

خۇبېيغا ياردەمگە كەلگەندىن كېيىن يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا سۆزلىدى

  ئۇ: مېنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەرنى پەرۋىش قىلىش تەجرىبەم يوق ئىدى

  لىكىن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە

   نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم، دېدى.

تولۇن ئاي تىيانشاندىن كۆتۈرۈلۈپ، يىراق ۋۇخەنگە ياردەمگە باردى

خۇبېيغا ياردەمگە بارغان ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرنىڭ

بالدۇرراق ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى