تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭقۇر تەزىم، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان تېببىي خادىملارغا بولغان مىننەتدارلىق

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز كاڭ يەنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن جىنلۇ خەۋىرى، فوتوسى): دوختۇرخانىدىن ئايرىلىش ئالدىدا، ليۇ خانىمنىڭ(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئېرى تېببىي خادىملارغا چوڭقۇر تەزىم قىلدى، ليۇ خانىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى بولمىسىمۇ، بىراق كېسىلى خېلى ئېغىر ئىدى، نەچچە كۈن ھايات-ماماتلىق جىددىي قۇتقۇزۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاخىرى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 2-كېلىنكىلىق تېببىي شۆيۈەنى(2-تارماق دوختۇرخانىسى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ دوختۇرخانىدىكىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دائىملىق داۋالاش مۇلازىمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، جايلاردىكى ئاغرىقلارنى داۋالىنىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.

    «ھازىرلا يۈرەك، ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپىراتسىيەسىدىن چىققان بىر ئاغرىق ICUغا يۆتكىلىدۇ، ئاغرىق ھوشسىز ھالەتتە، شۇنداقلا كانايغا نەيچە كىرگۈزۈلگەن، تۈرلۈك ھاياتلىق بەلگىلىرى تۇراقسىز، سىلەر مۇداپىئە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەڭلار...» 1-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمى جىددىي قۇتقۇزۇش 1-بۆلۈمىدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدى. بۆلۈم مۇدىرى سۈن شياۋجىڭ دەرھال بارلىق تېببىي خادىملارغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، دوختۇرخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىگە ئاساسەن، 3-دەرىجىلىك مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، بىمارنى كۈتۈۋالدى.

    ئىككى قات مۇداپىئە كىيىمى، ماسكا، كۆز ئاسراش ئەينىكى، يۈز ئېكرانى... ئىلگىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇشقا ئوخشىمايدىغىنى، تېببىي خادىملارنىڭ قېلىن، ئېغىر مۇداپىئە كىيىمى ۋە كۆز ئاسراش ئەينىكى توسۇپ تۇرسىمۇ، ھەر تۈرلۈك مەشغۇلاتلارنى دەل جايىدا خاتاسىز ھەم تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىدىغانلىقى ئىدى. ياخشى يېرى، ئىلگىرى-كېيىن ئۈچ قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولۇپ، ئاغرىقنىڭ يۇقۇملانغانلىق ئېھتىماللىقى يوققا چىقىرىلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى ئازراق بولسىمۇ جايىغا چۈشتى.

    «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى بولمىسىمۇ، بىراق ئاغرىقتا ئۆپكە ياللۇغى بەك ئېغىر بولۇپ، ئۆزى نەپەس ئالالمايتتى، ئاسانلا ئوكسىگىن يېتىشمەسلىكتىن كۆپ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلەتتى، داۋالاش لاھىيەسىنى دەل جايىدا تۈزگەندىن باشقا، پەرۋىش گۇرۇپپىسىنىڭ سېسترالار باشلىقى ۋاڭ يەنمېي پەرۋىش پىلانى تۈزۈشكە تەشكىللىدى، بارلىق خىزمەتلەر تەرتىپلىك، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. دوختۇرخانىمىز يۇقۇم مەزگىلىدە جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى دەرھال داۋالاپ ساقايتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇردى ھەمدە بۇ ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆپ قېتىم كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن نەچچە كۈن قۇتقۇزدى، ئاغرىق ئاستا-ئاستا خەتەردىن قۇتۇلدى» دېدى سۈن شياۋجىڭ.

  ليۇ خانىم ئاستا-ئاستا ئېسىگە كەلگەن بولسىمۇ، كانايغا نەيچە كىرگۈزۈلگەنلىكتىن گەپ قىلالمىدى، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تەشۋىش ۋە ۋەھىمىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، سېسترالار ئۇنىڭغا مەخسۇس خەت يېزىش تاختىسى ۋە ئايرىم چاقىرغۇچ سەپلەپ بەردى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش جەريانىدا، ئۇنى ئاستا-ئاستا كارىۋاتتىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاۋاز چىقىرىش مەشىقى قىلغۇزدى ھەم ئاخىرىدا گەپ قىلالايدىغان ھالغا كەلتۈردى. «سىلەرگە كۆپ رەھمەت!» دېدى ليۇ خانىم. 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، ليۇ خانىم دوختۇرخانىدىن چىققاندا، دوختۇرخانا رەھبەرلىرى ئۇنىڭغا قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرى سوۋغات قىلدى ۋە سەمىمىي بەخت تىلىدى، شۇنداقلا قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ھاياجىنىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەي، چوڭقۇر تەزىم بىلەن رەھمىتىنى بىلدۈردى.

    «نۇرغۇن تېببىي خادىم ۋۇخەندىكى <يۇقۇم>غا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە بارالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاغرىقلارنى 24 سائەت داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى قوغدىدى.» بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يۇقۇم كۆرۈلگەندىن بۇيان، دوختۇرخانىمىز داۋالاش ئەترىتىنى خۇبېيغا ياردەم بېرىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئەۋەتكەندىن باشقا، ئامبولاتۇرىيە، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەر تۈرگە بۆلۈپ قۇتقۇزۇپ، داۋالاشنى نورمال قانات يايدۇرۇپ، ھەرخىل ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى يۇقۇم مەزگىلىدە داۋالاش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش توغرىسىدا پىكىر تارقىتىپ، مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: كۈندىلىك داۋالاش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈندىلىك تېببىي مۇلازىمەتنى باشقۇرۇشنى تەدرىجىي كۈچەيتىپ، قەرەللىك داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق ئاغرىقلارنىڭ تېببىي ئېھتىياجىغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىپ، نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، زۆرۈر بولغان جىددىي داۋالاش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، يەنە بىر قولدا داۋالاش مۇلازىمىتىنى تۇتۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاساسىدا مۇۋاپىق تېببىي مۇلازىمەت تەرتىپىنى قوغداپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى