تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاشخانا ئېچىلغان بىرىنچى كۈن: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈچ ئۆتكەل بىر كۈندە سېتىلغان 5000 سامسا

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سۈن فاڭتىڭ خەۋىرى، فوتوسى): بۇ ئىككى كۈندە، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى كوچىغا قارايدىغان دۇكانلارنىڭ تىجارەت باشلىشىغا ئەگىشىپ، قەيسەرنىڭ سامسىخانىسىمۇ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تىجارەت باشلىدى، ئۇنىڭ سامسىخانىسىدا «قاتتىق ئۆتكەللىك» يۇقۇم مۇداپىئەسى بولۇپلا قالماي، تۇنجى كۈنىلا سامسىنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، 5000 سامسا سېتىلدى.

  سامسا سېتىشتىكى ئۈچ باسقۇچ: تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئوراپ قاچىلاش

  42 ياشلىق قەيسەرنىڭ بىر «قەيسەر سامسىخانىسى» بار بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئارشاڭ غەربىي يولى شىمالىي 5-كوچىسىغا جايلاشقان، 2009-يىلىدىن ھازىرغىچە تىجارەت قىلىپ كەلگەن، ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: «كۈندىلىك سامسىنى سېتىشتىن غەم قىلمايمىز، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن كېيىنلا سامسا پۈتۈنلەي سېتىلىپ تۈگەيدۇ.»

  «يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، سامسا دۇكىنى ۋاقتىنچە تىجارەتتىن توختىتىلدى، مەن دۇكاندىكى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى دۇكاندىكى 30 خىزمەتچىگە بۆلۈپ بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆيىگە قايتىپ ئايرىلىپ تۇرۇشىنى ئېيتتىم.» دېدى قەيسەر، «مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا سامسىخانىنىڭ تىجارەت قىلالايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆيدە خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم.»

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى قەيسەر دۇكان خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرگە دۇكاننىڭ ئىچى-سىرتىنى تازىلاپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ماتېرىياللارنى تەييارلىغاندىن باشقا، يەنە تېرمومېتىر، ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى سېتىۋالدى. مەھەللە خىزمەتچىلىرى دۇكان خادىملىرىغا تېرمومېتىرنى توغرا ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ماسكا تاقاپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ دۇكان ئىچىدە غىزالانماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

  3-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، تاڭ ئەمدى سۈزۈلگەن بولۇپ، دۇكان خىزمەتچىلىرى بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقنى باشلىۋەتكەنىدى، ماسكا تاقاپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، قول قىسمىنى دېزىنفېكسىيەلەش، ئاياغنىڭ چەمىگە دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چېچىشتىن كېيىن، پەرتۇق تاقىغان بىر توپ «ئەركەكلەر» خېمىر يۇغۇرۇش، قىيما تەڭشەش، جىلتە ئېچىش، سامسا يېقىش قاتارلىق بىر قاتار ئىش تەرتىپىنى باشلىۋەتتى.

  شۇ كۈنى سائەت 9دا، بىرىنچى تونۇردىكى 150 سامسا پىشىپ، 20 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سېتىلىپ تۈگىدى.

  شۇ كۈنى سائەت 10دا، مۇخبىر «قەيسەر سامسىخانىسى»غا بېرىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.

       جىلتە ئېچىش ئۇستىسى: ئۈچ كۈن مەشغۇلات قىلمىساق، ھۈنەرنىڭ يېرىمىنى ئۇنتۇيمىز

  گەرچە بىرىنچى تونۇر سامسىنىڭ سېتىلىشى يامان ئەمەس بولغان بولسىمۇ، لېكىن قەيسەر بىر يەرلىرى قاملاشمايۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، ئارقا ئاشخانىغا كىرىپ كۆرۈپ باقتى. ئاشخانىغا كىرىش بىلەنلا، ئاچچىق پىيازنىڭ پۇرىقى بىرگە كىرگەن مۇخبىرلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش چىقىرىۋەتتى، «بىزنىڭ ئارقا ئاشخانىدا تۇرغان ۋاقتىمىز ئۇزۇن بولغاچقا، كۆنۈپ قالدۇق.» دېدى قەيسەر كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ئاشخانا ئىشىكى ئالدىغا قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە سۈيىنى پۈركۈگۈچ قاتارلىق بۇيۇملار رەتلىك تىزىلغانىدى.

  بىر ئاز كۆزەتكەندىن كېيىن، قەيسەر مەسىلىنىڭ قەيەردىلىكىنى تاپتى، ئەسلىدە جىلتە ئاچىدىغان ئۇستامنىڭ قولىنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ قالغانىدى.

  بىر ئاي دەم ئالغاندىن كېيىن، جىلتە ئاچىدىغان ھەسەنجان راخمان سۈرئىتىنىڭ ئىلگىرىكىدىن خېلىلا ئاستىلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى، ھەسەنجانلا ئەمەس، جىلتە ئېچىشقا مەسئۇل قالغان سەككىز ئۇستاممۇ ئوخشاش ھېسسىياتتا بولدى.

  «سامسا جىلتىسىنىڭ ئىككى تەرىپى نېپىز، ئوتتۇرىسى قېلىن بولۇشى كېرەك، خېمىرنى يايغاندا بۇنىڭغا كۈچلا ئەمەس، ماھارەتمۇ كېتىدۇ، كۈچنى ئىككى تەرەپكە ئىشلىتىش كېرەك، بۇنداق ئاچقان جىلتىنىڭ چۆرىسى دولقۇن شەكلىدە، شەكلىمۇ يۇمىلاق چىقىدۇ.» ھەسەنجان گەپ ئارىلىقىدا، ناھايىتى تېز سۈرئەتتە جىلتە ئاچتى، ئون سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا بىر مۇكەممەل سامسا جىلتىسى تەييار بولدى. «چاغاندىن بۇرۇن، مەن بىر مىنۇتتا 15نى ئاچالايتتىم، ھازىر بىر مىنۇتتا 10نى ئېچىۋاتىمەن، بەلكىم ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىمەي، قولۇم سەل قولاشمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.»

  ھەسەنجان ئاشخانىغا قايتىش ئالدىدا، ئايىغىنىڭ چەمىگە دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چېچىپ، قولىنى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئاشخانىغا كىردى، «ئاۋارىچىلىق ھېس قىلمايمەن، كۆپ دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۆزۈمگىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى خېرىدارلارغا مەسئۇل بولغانلىق، ھەرقانداق سودىدا تازىلىق، بىخەتەرلىك بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.» دېدى ئۇ.

  سائەت 12 بولمايلا، دۇكاندىكى سېرىق ئاش، راڭپىزا، لەڭپۇڭلارنىڭ يېرىمى سېتىلىپ بولدى، «ھەقىقەتەن كۆپ مال تەييارلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، ئاستا-ئاستا كېلەي.» دېدى قەيسەر.

  ئۈچ قەۋەت قوغداش ئۆتكىلىدە: سەككىز سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا 5000 سامسا سېتىلدى

  سائەت 14تىن ئەمدىلا ئاشقاندا، سېرىقئاش، راڭپىزىلار سېتىلىپ بولغان بولسىمۇ، سامسا پىشۇرىدىغان ئۆي يەنىلا ئالدىراش ئىدى.

  ئالتە تونۇرنىڭ ھەربىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 200 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشاتتى، سامسا يېقىشقا مەسئۇل ئۇستام قول چىراغنى تۇتۇپ، ھەر بىر تونۇر ئارىسىدا يۈرۈپ، سامسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، تېمپېراتۇرىنى تەڭشەپ تۇراتتى.

  سائەت 17 ئەتراپىدا، ئەڭ ئاخىرقى 150 سامسا تونۇردىن چىقتى، ئوراشقا مەسئۇل راخمان شۈكۈر مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر خېرىدار 40 ئەتراپىدا سامسا سېتىۋالدى.»

  سائەت 17دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەڭ ئاخىرقى سامسا سېتىۋېتىلدى، راخمان بىر كېرىلىۋېتىپ مۇنداق دېدى: «ئازراق ھېرىپ قالساممۇ، ئەمما يەنىلا ئالدىراشلىقنى ياخشى كۆرىمەن. بۈگۈن دۇكاندا 5000 سامسا سېتىلدى.»

  «بىرىنچى كۈندىكى تىجارەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، قەيسەر ۋە دۇكان خىزمەتچىلىرى ئىشتىن چۈشمىدى، ئۇلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالدىراشلىقنى باشلىدى: ماتېرىيال تەييارلاش، يۇيۇش، ئاشخانا، ئاممىۋى رايوننى دېزىنفېكسىيەلەش، دۇكان ئىشىكىنى قۇلۇپلاشتىن بۇرۇن بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش.

  سائەت 18دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، قەيسەر ئىشىكنى تاقاپ ئۆيىگە قايتتى.

  قەيسەرنىڭ سايىسىغا قاراپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چارلاۋاتقان ۋاڭ شياۋجۈن بارا-بارا كۆتۈرۈلۈۋاتقان بۇ قاتنام-تاشلىقىنلىق تۇمانلىرىنىڭ كۆپچىلىك ئارزۇ قىلغان ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى، ئۇ كۈننىڭ ئانچە يىراق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى