تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز 2 مىليارد 228 مىليون يۈەن مالىيە مەبلىغى سېلىپ، «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇشنى قوللىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 2 مىليارد 228 مىليون يۈەن مالىيە مەبلىغى سېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئىشلەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز 209 مىليون يۈەن ياردەم پۇل بەردى، ئاپتونوم رايون 852 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى، ھەرقايسى جايلار 1 مىليارد 167 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى خىراجەت خامچوتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى تېزدىن قوللىنىپ، جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇلغان جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەبلىغى ئاجرىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسى ياردەم پۇل مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئۈنۈمىنى ۋاقتىدا جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا ماسلىشىلىپ، داۋالاش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كاپالەتلەندۈرۈلدى ھەم قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ياخشى ئىشلەندى. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىقلاردا بەلگىلىمە بويىچە چىقىم قىلىنغاندىن كېيىن، شەخس ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىغا مالىيەدىن ياردەم پۇلى بېرىلىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بارلىق ئاغرىقلارنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، كېچىكتۈرۈش سىياسىتى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بۇ يىل 2 - ئايدىن باشلاپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەق قىسمى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتى بەش ئاي بولىدۇ، چوڭ تىپتىكى كارخانا قاتارلىق باشقا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئورۇنلار(ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەق قىسمىنىڭ يېرىمى كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ، كېمەيتىپ ئېلىش مۇددىتى ئۈچ ئاي بولىدۇ.

تۈرلۈك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، قاتناش - تىرانسپورت، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، ساياھەت قاتارلىق ساھە كارخانىلىرىدا باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، كېچىكتۈرۈشكە دائىر ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە ئۆسۈم ياردەم پۇلى سىياسىتى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى پائال ئالغا سىلجىتىلدى.

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ھەق نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارغا ئالدىن كېپىل بولۇندى، كېپىللىك ھەق نىسبىتى %1تىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى؛ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىش شەرتى تۆۋەنلىتىلدى؛ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرىدىن شىنجاڭلىق خادىملارنى جەلپ قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىرىغا كىشى بېشىغا 5000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە، بىر يىلدا پەسىلگە بۆلۈپ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش - قايتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى جىددىي ئېھتىياجلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەرتىپلىك تەمىنلەشكە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. بىر تەرەپتىن، داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق مەخسۇس ئۈسكۈنە، رېئاكتىپلار ھەمدە ئايرىۋېتىلگەن كېسەلخانىلارنى ئۆزگەرتىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى خاراكتېرىدىكى خىراجەت قاتارلىقلارغا يېتەرلىك سوممىدا ياردەم پۇلى بەردى ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنى ۋاقتىدا سېتىۋېلىپ، تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى، ماسكا ۋە مۇناسىۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرى، مۇھىم زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان تايانچ كارخانىلار، مۇھىم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى يىغىپ ساقلايدىغان كارخانا قاتارلىقلارغا قارىتا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مەخسۇس تۈر بويىچە قايتا قەرز بېرىش ئارقىلىق ئېتىبارلىق ئۆسۈم نىسبىتى ئالاھىدە تۆۋەن بولغان كىرېدىت مەدىتى بەردى، مالىيەدىن %50 ئۆسۈم ياردەم پۇلى مەدىتى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى