تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاغانتوقاي ناھىيەسى: پىدائىيلار خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەيدانىدا چىڭ تۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ خۇاگۇاڭ، يەن شىۋېن خەۋىرى، فوتوسى): شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇرا بازىرى مەدەنىيەت كوچىسى مەھەللىسى لۈسې جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا، مەھەللە ئاھالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەترىتى بار بولۇپ، ئۇلار ئاھالىلەرگە كۆكتات، دورا يەتكۈزۈپ، ئاھالىلارنىڭ چېچىنى ياساپ... ئاھالىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  پىدائىيلار خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ بەزىلىرى سىرتتا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، بەزىلىرى دېھقان ئىشلەمچىلەر، بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا ھۈنەر-كەسىپ قىلىدىغانلار... يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، پىدائىيلار خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەترىتى ئولتۇراق رايوندا نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشقاندىن سىرت، يەنە ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات، گۈرۈچ، ئۇن، ماي سېتىۋېلىشىغا، سۇ، توك، گاز ۋە دورىلارنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى، ھەممىسى ئاھالىلەرنىڭ «ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچى»سى بولۇپ قالدى.

  پىدائىي سۈي لۇڭجياڭ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، كۆپچىلىك ئۈچۈن كۈچۈم يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ بەرسەم، مەن بۇنىڭدىن رازى».

  پىدائىيلار دائىم كىچىك لابا ئارقىلىق ئاھالىلەرگە ئىلمىي بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى، مەھەللە يوللىرىدىكى قارلارنى تازىلاپ، كېسەل بولۇپ قالغان ئاھالىلەرنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىش، خادىملارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملەشتى.

  پىدائىي ۋۇ فېڭجيا بىر ساتىراش بولۇپ، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە كومىتېتى ۋە مەھەللە مۈلۈك باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ چېچىنى ياساپ قويدى. پىدائىيلارنىڭ ھەرىكىتى كەڭ ئاھالىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى