تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ «سىياسەت كاپالىتى تورى»نى زىچ توقۇپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگىراممىسى(مۇخبىرلار ئاينۇر، سۈن جې): ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ كۆپ خىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئېتىبارلىق قەرز پۇلى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق «سىياسەت كاپالىتى تورى»نى يەنىمۇ زىچ توقۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  مۇخبىرلارنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئەڭ يېڭى يولغا قويۇلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش سىياسىتى بويىچە، شىنجاڭ كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىدىكەن، كارخانىلار يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن كېڭىشىپ بىردەكلىك ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئىش ھەققىنى تەڭشەش، نۆۋەت بىلەن ئىشلەش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ دەم ئالدۇرۇش، ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرسا بولىدىكەن. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلار بەلگىلىمە بويىچە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

 يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا قارىتا، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى، كەسپىي تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرى ئالدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، يېڭىدىن قوبۇل قىلغان شىنجاڭلىق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەربىيەلىگەن كارخانىلارغا قارىتا، ھەربىر ئادەمگە 2400 يۈەن ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلىنىش تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى قوبۇل قىلغان شىنجاڭلىق خادىملارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا، ھەر بىر ئادەمگە 5000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە، پەسىلگە بۆلۈپ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

   بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىش شەرتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، شۇ يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان شەرتكە ئۇيغۇن خادىملارنىڭ ھازىرقى ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %20كە، ئىشچى-خىزمەتچىسى 100دىن ئاشىدىغانلىرىنىڭ نىسبىتىنى %10كە چۈشۈرىدۇ. يېرىم يىلدىن ئارتۇق ئىشسىز قالغانلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە بىر يىلدىن ئۇزاق ئەمگەك توختامى تۈزگەن، شۇنداقلا بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغان كارخانىلارغا قارىتا، شارائىتى بار رايونلار بىر قېتىمدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بەرسە بولىدۇ، يولغا قويۇش مۇددىتى 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى