تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈنەس ناھىيەسىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى پىدائىيلىرى ھەرىكەتتە

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز خەن شاشا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لازات خەۋىرى): پىدائىي، جاراڭلىق ھەم پەخىرلىك نام. يۇقۇم ئەھۋالى خەتەرلىك بولسىمۇ، داۋالاش مۇلازىمىتى پىدائىيلىرى ئەزەلدىن كەم بولۇپ باقمىدى، ئۇلار يۇقۇم ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە چېپىپ يۈرمەكتە. يېقىندا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەشەببۇس چىقىرىپ، داۋالاش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇردى، پۈتۈن ناھىيەدىكى شەخسىي ئامبۇلاتورىيە، پۇقراۋى دوختۇرخانىلاردىن كەلگەن تېببىي خادىملار تېزدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

   داۋالاش پىدائىيلىرى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىش، تېلېفونلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش، كەسپىي داۋالاش، پىسخىك مەسلىھەت بېرىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىدى.

    ما گۈيخۇڭنىڭ دوختۇرلۇق قىلىۋاتقىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، بىر ئاياللار كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ دوختۇرى. ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلار ئەترىتىگە قاتنىشىپ، ھەر كۈنى چوڭ-كىچىك كوچىلاردا چېپىپ يۈرۈپ، تەۋەلىكتىكى ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى، ئۇلارنى تەكشۈردى ھەمدە ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى پىسخىك جەھەتتە يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلىدى.

    2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ما گۈيخۇڭ كۈنەس بازىرى تىيانشان كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جياۋ شياۋيۈنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تەكشۈردى. «ھامىلە ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى نورمال، سىز خاتىرجەم ئۆيدە ئارام ئېلىڭ، قانداق مەسىلە بولسا خالىغان ۋاقىتتا ماڭا تېلېفون بېرىڭ» دېدى ما گۈيخۇڭ.

    «ھامىلىدار بولغىنىمغا توققۇز ئاي بولاي دېدى، ھەر ھەپتىدە تۇغۇت تەكشۈرتۈشى قىلىشىم كېرەك، ھېلىمۇ ياخشى ما دوختۇر بار ئىكەن. ما دوختۇر دائىم كېلىپ مېنى تەكشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ، ھامىلىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىمۇ خاتىرجەم بولدۇق» دېدى جياۋ شياۋيۈ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ما گۈيخۇڭ ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئائىلە زىيارىتى قىلىش، تازىلىق، دېزىنفېكسىيەلەش، سىياسەت تەشۋىق قىلىش، داۋالاش، دورا يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل ئىدى، ئۇ كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان پىدائىيلار روھىنى قولىدىن كېلىشىچە يەتكۈزدى. ئۇ دائىم كۈلۈمسىرەپ، كىشىگە باھار شامىلىدەك تۇيغۇ بېرەتتى، ئۇنىڭدا مۇھەببەت نۇرى چاقناپ تۇراتتى.

    بەشتۆپە يېزىسىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى پىدائىيسى جاۋ گاڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇپلا قالماي، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ داۋالاش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىپ، تەۋەلىكتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالاش، سەھىيە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىينىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

    داۋالاش مۇلازىمىتى پىدائىيلىرى بۇ قېتىمقى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە ئالاھىدە ۋە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش بويىچە ساغلاملىق توسۇقى بەرپا قىلىندى، ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دوختۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىپ، خالس تۆھپە قوشۇپ، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، بۇ قېتىمقى «يۇقۇم»غا قارشى ئومۇمىي خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۆز كۈچىنى تەقدىم ئەتتى.

    ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، كۈنەس ناھىيەسىدىكى داۋالاش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشكە دائىر 200 نەچچە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ياخشى ئىشى، پىداكار ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ياردەملىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا بىر كىشىلىك كۈچ قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى