تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق مەلۇمات ئاخىرلىشىش ۋاقتى يېرىم يىل ئۇزارتىلدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ جياڭيەن خەۋىرى): شىنجاڭدىكى يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق مەلۇمات ئاخىرلىشىش ۋاقتى يېرىم يىل ئۇزارتىلىدۇ.

  «يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەتقىق قىلىپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق مەلۇمات ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى «2019-يىللىق يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق مەلۇمات ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق قارار قىلىندى: ئومۇمەن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ 2019-يىللىق يىللىق مەلۇمات ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگە ئۇزارتىلىدۇ. 2019-يىللىق يىللىق مەلۇماتى قەرەلىدىن ئۆتۈپ كېتىش سەۋەبىدىن تىجارەتتىكى بىنورماللىق تىزىملىكىگە كىرىپ قېلىش ۋاقتىمۇ 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىنگە سۈرۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يەككە سودا-سانائەتچىلەر 1 مىليون 452 مىڭغا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى