تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

فاڭساڭدا مۇھەببەت بار. شىنجاڭغا سالام خەت|⑫ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ياخشى قوغداشنىلا ئويلايمەن

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋىرى): ۋۇخەن كېتىڭ فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا بىر «تىلەك دەرىخى» بار، ئۈستىگە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دوختۇر ۋە ئاغرىقلار قالدۇرغان ئارزۇ-تىلەكلەر ئېسىلغان. 24 ياشلىق شياۋجاڭ بۇ يەردە مۇنداق بىر ئالاھىدە تىلىكىنى بىلدۈرگەن: «مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان دوختۇرنىڭ چىرايىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرگۈم بار، ئۇنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنى قوغداۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ۋۇخەننىڭ ئىسسىق قورغاق چۆپ تامىقى بىلەن مېھمان قىلغۇم بار».

    بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان كىشى دەل يەنجى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمىنىڭ سېستراسى، شىنجاڭدىن 2-تۈركۈمدە ۋۇخەنگە ياردەمگە بارغان داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى لۇ خۇيپىڭ ئىدى. ئۇ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاغرىقلار ئىچىدە، شياۋجاڭ ئائىلىسىدىكى تۆتەيلەننىڭ ھەممىسى يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان، مومىسىمۇ يۇقۇملانغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلاردىن ئايرىلغان ئىدى. لۇ خۇيپىڭ 20 نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە سەمىمىي ياردىمى بىلەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىكى ۋەھىمىنى يوقىتىپ، ئۇلارغا قايتىدىن ئىشەنچ بېغىشلىدى، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىشقا يېتەكلەپ، بۇ ئائىلىدىكىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ قېلىشنى ئويلىدى.

  شياۋجاڭ بىلەن دادىسى دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇپ، دوختۇرخانىدىن چىقسا بولاتتى، بىراق ئۇلار داۋاملىق قېلىپ، ئاپىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بىرلىكتە ئۆيىگە قايتماقچى بولدى، ئۇ ئاپىسىنىڭ بۇ يەردە يالغۇز قېلىشىنى خالىمىدى. شياۋجاڭ لۇ خۇيپىڭغا چاقچاق قىلىپ: «بىز فاڭساڭغا كۆنۈپ قاپتىمىز، بىز بىر ئائىلە كىشلىرى جەم بولالىساقلا، ھەممە جاي بىزگە نىسبەتەن ئائىلە...» دېدى.

 (سىننى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى