تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئاياللار تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنى قانداق قىلىشى كېرەك؟

  يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا، ھامىلدار ئاياللار دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قەرەللىك تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك تۈرلەرنى ئۆز قەرەلىدە تەكشۈرتكەندىن سىرت، دوختۇردىن مەسلىھەت سورىغاندىن كېيىن، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈش ۋاقىت ئارىلىقىنى مۇۋاپىق ئۇزارتسا بولىدۇ. بىراق، يېشى چوڭ، ئەگەشمە كېسىلى بار ياكى ئەھۋالى خەتەرلىك ھامىلىدار ئاياللار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنى قانۇنىيەتلىك ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

   

    (1)  ھامىلىدار ئاياللار بىلەن بىللە بارغان ئائىلە ئەزالىرى پۈتكۈل جەرياندا بىردەك N95 ماسكىسى ياكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللەر ماسكىسى تاقىشى كېرەك.

    (2)  ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، تاكسى، توردا كېلىشىپ ئاپتوموبىل چاقىرىش ياكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى تاللىسا بولىدۇ.

    (3)  يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى دېزىنفېكسىيەلەنگەن ھۆل قەغەزنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش، قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

    (4)  ئۆيدىن چىققاندىن باشلاپ دوختۇرخانىغىچە، باشقىلار بىلەن بولغان ئارىلىقنى ئامال بار بىر مېتىردىن ئاشۇرۇپ ساقلاش كېرەك.

    (5)  دوختۇرخانىدىن قايتقاندىن كېيىن، ئامال بار قولنى دېزېنفېكسىلەش كېرەك، مەينەت قول بىلەن كۆزنى ئۇۋۇلاشتىن، بۇرۇننى كوچىلاشتىن، ئېغىزنى سۈرتۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    (6) ئامال بار دوختۇرخانىدا تۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىپ، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنى ئالدىن كېلىشىپ قويسا بولىدۇ. ئەگەر چوقۇم ساقلاش زۆرۈر بولسا، بىللە كەلگەن ئائىلە ئەزالىرى ئۆچرەتتە تۇرسا بولىدۇ، ھامىلدار ئاياللار ئادەم ئاز، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايدا ساقلاپ تۇرۇشى، ئامال بار ئۆي ئىچىدە تۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىش كېرەك.

    (7) تەكشۈرتۈشنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ماسكىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، دەرھال كىيىم ئالماشتۇرۇش، دەرھال يۈز-قوللىرىنى يۇيۇش كېرەك؛ كىيىمنى تېزدىن ئالماشتۇرۇپ، دېزىنفېكسىيە قىلىش، چاپاننى ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا ئېسىش كېرەك.

  ئۇنداقتا ھامىلدار  ئاياللار ئۆيدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

    (1) ئۆينىڭ ھاۋاسىنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ، ئۆي ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش، 2-3 سائەتتە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 20-30 مىنۇت ئالماشتۇرۇش كېرەك، بۇ ئارىلىقتا قوغداش تەدبىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

    (2) ھەر ۋاقىت قولنى پاكىز تۇتۇش، تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن ئىشلىتىپ ئېقىۋاتقان سۇدا ياكى ئىسپىرىت تەركىبلىك بولغان يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا قولنى يۇيۇش كېرەك؛ قول مەينەت ئەھۋالدا، قولنىڭ ئېغىز، بۇرۇن، كۆزگە ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش كېرەك؛ چۈشكۈرگەندە ياكى يۆتەلگەندە قەغەز بىلەن ئېغىز، بۇرۇننى توسىۋېلىش كېرەك.

    (3) لۈڭگە، مۇنچا لۈڭگىسى، تاماق قاچىسى، كارىۋات بۇيۇملىرى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئايرىم ئىشلىتىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    (4) سىرتقى چىقىش ۋاقتىنى ئامال بار قىسقارتىش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆيدە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئېغىرلىق ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرىمۇ بارمۇ-يوق دېگەنلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.

    (5) ئەگەر تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆزلۈكىدىن قىزىتما ئامبولاتورىيەسىگە، تۇغۇت بۆلۈمىگە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ياكى ھەر دەرىجىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتلىرى بېكىتكەن نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك:

  ① يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە يۇقۇم رايونى ياكى ئاغرىق بىلەن ئۇچراشقان تارىخى بولسا، بەدەن تېمپۇراتۇرىسى 37.3تىن ئاشقان، يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە.

  ② يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە يۇقۇم رايونى ياكى ئاغرىق بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بار، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال، لېكىن نەپەس قىسىلىش، كۆكرەك سىقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە؛

  ③ يۇقۇم رايونى ياكى ئاغرىق بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى يوق، ئەمما بەدەن تېمپېراتۇرىسى ℃37.3تىن ئېشىپ كەتسە.

  سەمىمىي ئەسكەرتىش

  فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن، ھامىلىدار ئاياللار ئاسان يۇقۇملىنىدىغان ئالاھىدە كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ. يۇقۇم مەزگىلدە، ھامىلىدار ئاياللار ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇپ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلىسىلا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىن چوقۇم ئامان-ئېسەن، ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى