تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشان ئېتىكىدىكى نەچچە يۈز توننا كالا-قوي گۆشى خۇبېيغا ياردەم قىلىندى

يۇقۇم باشلانغاندىن كېيىن

شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى خۇبېيغا سىجىل ياردەم بەردى

داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلغاندىن باشقا

شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان گۆشنى ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا بىپەرۋالىق قىلمىدى

قاراپ باقايلى، شىنجاڭ تىيانشان ئېتىكىدىكى

قايسى ئەلا سۈپەتلىك كالا-قوي گۆشلىرى خۇبېيغا توشۇلدى

بورتالا ئوبلاستىدىن 65.74 توننا يۇقىرى سۈپەتلىك ئورگانىك كالا گۆشى، قىممىتى 5 مىليون يۈەن  

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يۇقىرى سۈپەتلىك كالا گۆشىنى تەشكىللىك سېتىۋېلىپ

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى

خۇبېينىڭ بۇ مەيدان ئىس-تۈتەكسىز جەڭدە بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بەردى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 5-شىسى قوش ئۆگۈز شەھىرىدىن 37.6 توننا، 3 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى كالا گۆشى

نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىدا، قوش ئۆگۈز شەھىرى ئۆز يېرىنىڭ ئەڭ ياخشى كالا گۆشىنى ئېلىپ چىقتى

پارچىلاشتىن گۆش مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشقىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلدى

يەشىكلەرگە قاچىلاپ ئاندىن توشۇش ئاپتوموبىللىرىغا قاچىلىدى

ئىشچىلار ئۇدا ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىدى

«بۇ بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ»

قىلچە بىخەستەلىك قىلماي تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈۋېلىندى

مېھىر-شەپقەت ماددىي ئەشيالىرى تېزدىن خۇبېي خەلقىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە يەتكۈزۈلدى

بايىنغولىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىدىن 3 توننا، 400 نەچچە مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى قوتاز گۆشى ۋە قارا باش قوي گۆشى

ماددىي ئەشيالارنى دەرھال تېببىي خادىملارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن

تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، كېچە-كۈندۈز يول يۈردى

ئۈچ كۈندە 3400 كىلومېتىر مۇساپە بېسىلىپ

ئەسلىدىكى پىلاندىن 10 سائەت بالدۇر تاماملاندى

شۇڭا

نەچچە مىڭ چاقىرىم مۇساپىنى بېسىپ كەلگەن كالا-قوي گۆشلىرىدە سەمىمىي سالام ۋە ھۆرمەت ئىنتايىن قويۇق، دەپ تەرىپلەندى

پەقەت بۇلارلا ئەمەس

بايىنغولىن ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسىمۇ شىنجاڭدىن خۇبېيغا ياردەمگە بارغان داۋالاش ئەترىتىگە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى

بۇ ماددىي ئەشيالار 400 يەشىك كالا گۆشى قىيامى، 400 يەشىك لازا قىيامى، 413 كىلوگىرام قۇرۇتۇپ سۈرلەنگەن گۆش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

بەزىلەر بۇ ياردەم بەك ئەمەلىي بوپتۇ دېيىشتى

يەنە بەزىلەر «ئاشقازان»غا يەتكۈزۈلگەن بۇ مەززىلىك تائاملاردا بىر خىل مۇھەببەت بار دېيىشتى

«ئىسسىق قۇرۇق چۆپ» ئۈچۈن غەيرەت قىلش

شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەقىقىي ھەمراھلىقى

راستتىنلا بەك ماسلاشقان!

(مۇخبىر سۈن فاڭتىڭ خەۋىرى، فوتوسى؛ ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى مىڭشىڭ، رەيىزە قۇرمانباي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى