تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەھرىمان يۇرتدىشىمغا ھۆرمەت! شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتى ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتايلى!

يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى داۋالاش ئەترىتىدىن 330 نەچچىنى، 42 مىڭ نەپەر تېببىي خادىمنى خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. يىلتىزداش بولغاچقا، ئۇلار مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ كېچە-كۈندۈز دېمەي ياردەم بەردى؛ يۇرتداش بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىز تېخىمۇ پەخىرلىنىپ ياد ئېتىپ تۇرىمىز. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر ئېلان قىلىپ #مېنىڭ قەھرىمان يۇرتدىشىم# يۈرۈشلۈك شەخسلەرنى ئېدىتلاپ چىقىش ئارقىلىق، ئۇلارنى چىراغ ئاستىغا يىغىپ، بىر گۇرۇپپا سۈرەت تارتىپ، سۈرەت  ئارقىلىق تەسىراتلارنى خاتىرىلىدى.

2-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچ تۈركۈم داۋالاش ئەترىتى

386 نەپەر تېببىي خادىمنى خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى.

ئۇلار ۋۇخەن خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي قىسىم دوختۇرخانىسى ۋە

ۋۇخەن شەھەرلىك دۇڭشىخۇ فاڭساڭ دوختۇرخانىسى (ۋۇخەن مەدەنىيەت يىغىن-كۆرەەزمە مەركىزى)دا تۇردى

تىيانشاندىن چىققان تولۇن ئاي مىڭ چاقىرىم ئىلگىرىلەپ ۋۇخەنگە ياردەم بەردى

يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە «كېچىدە ئاي نۇرىدا قەدەھ كۆتۈرۈپ ئۈزۈم شاراپى» ئىچىمىز

جاڭ لى:

يولغا چىقىشتىن بۇرۇن

مەن مۇسكۇل يان خوردىسى قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دادامغا مۇنداق دېدىم:

مەن چوقۇم سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمەن

قىزى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،

مەن 8 يىلدىن بۇيان كارىۋاتتا يېتىۋاتقان «تەدرىجىي قېتىپ قېلىۋاتقان» دادامدىن خاتىرجەم بولالمىدىم!

ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن،

كىچىك، سەبىي ئۈچ ياشلىق بالامغا قىيالمىدىم!

ئەمما، سېستىرا بولۇش سۈپىتىم بىلەن،

يۇقۇم ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىم!

ياڭ شياۋجۈن:

داۋالاپ ساقايتىلغان تۇنجى ئاغرىق دوختۇرخانىدىن چىققان شۇ كۈنى

بىزنىڭ ۋۇخەنگە كەلگەندىن بۇيانقى ئەڭ خۇشال كۈنىمىز بولدى

مەن 25 يىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلدىم،

يەنە سارسقا زەربە بېرىشكە قاتناشتىم،

يېڭى يۇقۇم ئالدىدا،

بىر نەپەر پارتىيەلىك دوختۇر بولۇش سۈپىتىم  بىلەن،

مەن سىز ئۈچۈن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى توسۇشنى خالايمەن!

ۋاڭ سەيخۇڭ:

مېنىڭ ۋۇخەنگە بارىدىغىنىمنى ئۇقۇپ

ئوغلۇم ماڭا قەغەزدىن مۇداپىئە نىقابى ياساپ بەردى

ۋۇخەندىن ئىبارەت بۇ شەھەردە،

بەزىلەر يېڭىدىن كەلدى،

بەزىلەر مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ مۇشۇ يەردە چوڭ بولدى،

بىز ئۆزئارا ھەمراھ بولۇپ،

تاڭ قوياشىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى ئىزچىل كۈتۈۋاتىمىز! 

يى لىڭخۇي:

مېنىڭ ئاپام خۇبېيلىق

بۇ قېتىم

مەن ئاپامغا ۋاكالىتەن يۇرتنى قوغدىغىلى بېرىشىم كېرەك

40 جىڭ ئېغىرلىقتىكى سۇ چېچىش چېلىكىنى

مەن بىر قەۋەت بىر قەۋەتتىن يۈدۈپ چىقىمەن،

ئۆيمۇئۆي كىرىپ پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىمەن،

بىر قېتىم چىقىپ چۈشسەم كىيىملىرىم تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىدۇ.

مۇ چىڭشۇاڭ:

تاغ-دەريالار ئامان بولسۇن، يىللار  ئەمىن بولسۇن

ئارىلىقىمىز يىراق بولسىمۇ، سىز ۋە مەن خاتىرجەم.

مېنىڭ ھەر قېتىملىق كېسەل ياتاقلىرىنى تەكشۈرۈش ۋاقتىم بەك ئۇزۇن،

چۈنكى ھامىلىدارلاردىن ئىبارەت بۇ توپ بەكمۇ ئالاھىدە،

دائىم تەشۋىشلىنىش، چۈشكۈنلۈك كەيپىياتى بولۇپ تۇرىدۇ.

مېنىڭ رولۇم پەقەت دوختۇرلا ئەمەس،

يەنە ئۇلارغا پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئېلىپ بېرىشىم كېرەك.

زو لېي:

ئاپامنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمايدۇ، ئۈندىدار ئويناشنى ئانچە بىلمەيدۇ

ھازىرغىچە مېنىڭ ۋۇخەندە ئىكەنلىكىمنىمۇ بىلمەيدۇ.

ۋۇخەنگە كەلگەن كۈنى كەچتە ئوغلۇم بىلەن كۆرۈنمە چاستوتىدا كۆرۈشتۈم،

ئوغلۇم قاتتىق يىغلاپ كەتتى،

مېنى ئەمدى كۆرەلمەسلىكتىن  ئەنسىرەپتۇ.

شۇ چاغدا يۈرىكىم پىچاقتا تىلغاندەك ئاغرىدى،

ئۇنىڭ مېنىڭ يىغلىغىنىمنى كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن،

كۆرۈنمە چاستوتىنى بىۋاسىتە ئۈزۈۋەتتىم.

ما شياۋچىن:

بۇ دەل مېنىڭ خىزمىتىم

ھېچقانداق ئوخشىمايدىغان يېرى يوق

سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ، ھاجەتخانىغا چىقىشقا بولمايدۇ،

ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلىشىش، كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرغۇسى كېلىش،

بىرىكتۈرگۈچى پەردىگە قان تولۇش، يۈزدىكى بېسىش يارىسى ۋە بېسىلىش ئىزلىرى...

گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، گەرچە چارچىتىدىغان بولسىمۇ،

ئادەم جاپا چەكسە مەيلى، ئەمما خەلققە يۈز كېلەلىشى كېرەك!

چېن يوۋ:

ۋەتەن ئېھتىياجلىق بولغان بىرىنچى سەپتىكى جەڭدە بولغىنىمدىن

مەن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن

ئايرىۋېتىلگەن كېسەل رايونىدا بىر تۇرساق ئالتە سائەت تۇرىمىز،

كىيىملەر ھۆل بولۇپ، قورساق ئېچىپ، ئۇسساپ كەتسەكمۇ چىدايمىز؛

كىچىك تەرەت قىستاپ كەتسىمۇ، چىدايمىز...

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بىز ھەممىمىز تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ چىقتۇق:

ئايرىۋېتىلگەن كېسەلخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن قورساقنى تويغۇزۇپ، سۇنى ئاز ئىچىش كېرەك.

ياڭ نانا:

ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەنسىرىشىدىن قورقۇپ،

ۋۇخەنگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن،

ئاندىن ئۇلارغا تېلېفون بەردىم

يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،

ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ ۋۇخەنگە يەنە كەلگۈم بار،

ئىلگىرى پەرۋىش قىلغان ئاغرىقلار بىلەن يەنە بىر كۆرۈشۈپ،

ئۇلارغا مۇنداق دېگۈم بار:

ياخشىمۇسىز! كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ! 

غەيرەت قىلىڭ يۇرتدىشىم

ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ

بالدۇرراق زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى