− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى
پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر دۆلىتىمىزدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتقان ھالەت دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا، ھازىرقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى، بىز چوقۇم ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ چوڭ سىناقتا غەلىبە قىلىپ، تىرىشىپ لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىمىز كېرەك.
«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمغا بولغان ھوشيارلىقنى تۆۋەنلەتمەسلىكىمىز، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى تۆۋەنلەتمەسلىكىمىز، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇشىمىز، پۇختا تۇتۇشىمىز، ئىنچىكە تۇتۇشىمىز كېرەك.» ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى شۈ شياۋجيې مۇنداق بىلدۈردى: سايباغ رايونىدا كونا ئولتۇراق رايونلار كۆپ، باشقۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، تايانچ كۈچلەرنى ئاجرىتىپ مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇپ، تىرىشىپ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق، قارىغۇ رايون قالدۇرماسلىق، ئاق قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈگىتىدۇ.
3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 11لەر ئەتراپىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيە بىناسىنىڭ 5 - قەۋىتىدە، بۇ دوختۇرخانىنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، بۆرەك كېسىلى، نەپەس يولى ۋە خەتەرلىك ئېغىر كېسەللىكلەر مېدىتسىناسى، ئىچكى ئاجراتما قاتارلىق ئون نەچچە كەسىپتىكى مۇتەخەسسىسلەر ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆردى. دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى جەڭگىۋارلىقىمىزغا ئىلھام بەردى، كىشىلەر قەلبىنى روھلاندۇردى، بىزنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى! بىز چوقۇم غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، غەلىبە قىلغانسېرى قوغلاپ زەربە بېرىپ، بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇپ، بىر قولدا داۋالاش مۇلازىمىتىنى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق داۋالاش تەرتىپىنى قوغداپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».
«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى دەل جايىدا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك نورمال يولغا كىرگۈزۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.» گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۈدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە گۇچۇڭ ناھىيەسى دەرىجىگە ئايرىپ، رايونغا ئايرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تەدبىرلەرنى بېكىتتى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى 13 كارخانا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %87كە يەتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈنئاتۇش بازىرىدا تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش 1 - شۇجىسى ساۋ باۋرۇڭ مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەرقايسى خىزمەت ئەترەتلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن كۈچى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، ئېرىق - ئۆستەڭلەردىكى لاي - لاتقىلارنى تازىلاش، يەرلەرنى تۈزلەش، سۇغىرىش - ئوغۇتلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تېرىقچىلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
«شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان 15 تۈرلۈك تەدبىر، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان 12 تۈرلۈك تەدبىر ھەمدە باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايوننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز» دېدى قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 4 - بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لو ماۋشېڭ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر راخمانجان داۋۇت مۇنداق بىلدۈردى: يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قايتۇرۇش سىياسىتى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدىن ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق، بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىز بار.» يېڭىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گۇ ۋېنگۇاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، يېڭىسار ناھىيەسىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلار 88 مىڭ 63 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە 34 مىڭ 622 كىشى بولۇپ، نامراتلارنىڭ «ھەممىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، كۈندە كىرىمى بولۇش»ىغا تىرىشىپ ياردەم قىلدى.
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار يۈ شى، جاڭ يەنفاڭ، چاۋ جىن، سۇ لۇپىڭ، گې يوۋجۈن، لياڭ لىخۇا، چېن چياڭۋېي، لى چۈنشيا، خەن چىنيەن، مېھرىگۈل ناسىر، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەن تاۋ)