ئاپتونوم رايون «پىكىر» تارقاتتى
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش - يۆلەش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايون «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش - يۆلەش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. «پىكىر»دە كۆڭۈل بۆلۈش - يۆلەش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆپ تۈرلۈك ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش - يۆلەش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش خىزمىتى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەندى.
«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەت ئىلكىدىكى (مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىجارەت خاراكتېرلىك ئۆي - مۈلۈكنى كېلىشىم تۈزۈپ ئىجارە ئالغان مېيىپلەرگە قارىتا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى، ئەمالار ئۇۋۇلاش ئاپپاراتلىرى ھەم مېيىپلەرنى يۆلەش خاراكتېرلىك (ياردەم خاراكتېرلىك) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالتە ئايلىق مەيدان ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى توردا ئوقۇتۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە ئۇنى قوللاپ، «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇتۇشنى توختاتماسلىق، ئوقۇشنى توختاتماسلىق» تەلىپى بويىچە، شۇ دەرىجىلىك مېيىپ ئۆسمۈرلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ سىن، تور قاتارلىق ئۇچۇرلاشقان ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىنلىق ئوقۇتۇشى ۋە «بىرگە بىر» ئائىلىدە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېتەكچىلىكىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەن مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىق ياردەم تولۇقلىمىسى تولۇق تارقىتىلىدۇ؛ بۇ يىلدىن باشلاپ، مېيىپلەرنىڭ «ئىككى تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى» ئۆلچىمىنىڭ ھەر بىرى 20 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنىڭ پەرۋىش ياردەم تولۇقلىمىسى ئايرىم - ئايرىم ھەربىر كىشىنىڭ ئېيىغا 100 يۈەندىن بولىدۇ، ھەرقايسى جايلار شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېيىپلەر ئۈچۈن ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈپ تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.