تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆت كوللېكتىپ، توققۇز كىشى شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار دېگەن نامغا ئېرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 113 كوللېكتىپقا «مەملىكەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دەپ نام بېرىشنى، 472 يولداشقا «مەملىكەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس» دەپ نام بېرىشنى، 34 يولداشقا «مەملىكەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىشنى قارار قىلدى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شەخسلەر ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك تەقدىرلەشكە، مۇكاپاتلاشقا ئېرىشكۈچىلەر تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا تۆت كوللېكتىپ شەرەپ بىلەن ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن نامغا، توققۇز يولداش شەرەپ بىلەن ئىلغار شەخس دېگەن نامغا ئېرىشتى.

شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى ئىلغار كوللېكتىپلار: شىنجاڭ ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئەترىتى، شىنجاڭ پەرۋىش ئەترىتى(فاڭساڭ)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دۆلەت جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتى. شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى ئىلغار شەخسلەر: ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇل ۋراچى جياڭ داۋبىن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ مۇدىر ۋراچى، دوتسېنت ياڭ جيەنجۇڭ، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇل سېستراسى جاڭ يۈمېي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋراچى گوۋ ئەنشۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر سېستراسى بېن يەنلى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ سېستراسى يۈەن يۈەن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5 - شى دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى ۋاڭ مېي، شىخەنزە داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ شوپۇرى ياڭ ۋېي، شىخەنزە داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ مۇدىر ۋراچى جاۋ شىنفاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى