تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى داۋاملىق بەس - بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش. ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى داۋاملىق بەس - بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى. 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگە قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 1 مىليون 189 مىڭ پارتىيە ئەزاسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پۇل ئىئانە قىلدى، ئىئانە توپلاش پائالىيىتى يەنە داۋاملاشماقتا.

شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى بىرىنچى سەپتە ئاتاكىغا ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سېخىيلىق بىلەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماي، پائال بەس - بەستە پۇل ئىئانە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرىنچى ۋاقىتتا ئورگاندىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ، يېرىم كۈندىلا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە سىستېمىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئالدىنقى مەزگىلدە ئۆزلۈكىدىن 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى.

كەڭ پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە بولغان تولۇپ تاشقان سەمىمىي ساداقىتى، خەلققە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە پۇل ئىئانە قىلدى، كۈچ چىقاردى، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئىش ئىز مەيدانغا كەلدى. ئاۋات ناھىيەسىدىكى پارتىيە ئەزاسى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي شۈ يوۋكەي 5000 يۈەن ئىئانە قىلغاندىن باشقا، يەنە 95 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلدى. كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ قارابۇلغىن يېزىسىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئېنتېمەق جۇمادىل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا كۈندىلىك يىغقان پۇلىدىن 10 مىڭ يۈەننى پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىئانە قىلدى. قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدىكى 70 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى مامۇت ئۆمەر تەنتەنىلىك ھالدا مېھىر - شەپقەت ئىئانە پۇلىنى پارتىيە تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇپ بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ۋەتەن قوينىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، مەن پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايمەن، ھازىر دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقى بار، پارتىيەنىڭ غەم - قايغۇسىنى تەڭ تارتىشىم كېرەك».

نۇرغۇن پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوبيېكتىمۇ پۇل ئىئانە قىلىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىنىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىدا ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىنىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىللىق ئېقىمى مەۋج ئۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى