ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 70كە يەتتى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەنە بىر ئاغرىق مىسالى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، شۇ كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇ ئاغرىق مىسالى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاغرىق مىسالى.
ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 70كە يەتتى، ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلاردىن ئۈچى بار.