تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرى پويىز ئارقىلىق خۇبېينىڭ خۇاڭگاڭ شەھىرىگە يەتكۈزۈلدى

خىزمەتچى خادىم ماللارنى سانىماقتا.

خىزمەتچى خادىملار ماددىي ماللارنى كونتېينېرغا قاچىلاپ ۋوگزالغا توشۇماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ لې فوتوسى، خەۋىرى) 3-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 6:01 دا، 970 يەشىك ياڭاق، 500 يەشىك مىنېرال سۇ، 200 يەشىك چىلان، 100 يەشىك ئۆرۈك قېقى قاچىلانغان 41142-قېتىملىق يۈك پويىزى قەشقەر ۋوگزالىدىن خۇبېي چىچۈن ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ بىر تۈركۈم ماددىي ئەشيالارنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە يۇقۇم بىر قەدەر ئېغىر بولغان خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ شەھىرى چىچۈن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە نۇقتىلىق ئىئانە قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم ماددىي ئەشيالار جەمئىي 15.14 توننا بولۇپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى توشۇشنى تەشكىللىگەن، بۇمۇ تۇنجى تۈركۈمدە لېيشېنشەن دوختۇرخانىسى، تەنتەربىيە مەركىزى فاڭساڭ دوختۇرخانىسى ۋە تۇڭجى تيەنيۇ دوختۇرخانىسىغا ياردەم قىلىنغان ماددىي ئەشيالار ھەمدە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ۋۇخەن شيېخې دوختۇرخانىسى ۋە چاڭجياڭ سۇ تىرانسپورتى باش دوختۇرخانىسىغا ياردەم قىلىنغان ماددىي ئەشيالار تېز يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، قەشقەردىن تۆمۈريول ئارقىلىق ئۈچىنچى تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم قىلىنغان ماددىي ئەشيالار ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۆمۈريول تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم يولغا ئايلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ۋىلايىتى، شىمالىي شىنجاڭدىكى بورتالا ئوبلاستى خۇبېيغا ياردەم بېرىدىغان ماددىي ئەشيا تىرانسپورتىدىكى ئىككى نۇقتىلىق يۆنىلىش بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىدە توشۇلىدىغان ماددىي ئەشيالار ئاساسلىقى شۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان، مەسىلەن، ياڭاق، سۈت، چىلان، ئۆرۈك قېقى، مىنېرال سۇ قاتارلىقلار، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ماددىي ئەشيالارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە خۇبېيغا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل، ئادەم كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقتىلىق مايىللىشىپ، مەخسۇس توشۇش لايىھەسى تۈزۈپ، يېشىل يول ئاچقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى