تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىخۇ شەھىرى ۋۇخەن شەھىرىگە 20 توننا مېھىر-شەپقەت ماددىي ئەشياسى ئىئانە قىلدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ جيەنپىڭ، ياۋ مىڭ خەۋىرى): يۇقۇم رەھىمسىز، ئەمما كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت چەكسىز. يېقىندا، 20 توننا مېھىر-شەپقەت ماددىي ئەشياسى قاچىلانغان ئاپتوموبىل شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخۇ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەنگە شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى.

    بۇ بىر تۈركۈم مېھىر-شەپقەت ماددىي ئەشياسى شىخۇ شەھىرى جىنشى گوشۇ چەكلىك شىركىتى بىلەن شىخۇ شەھەرلىك تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسى بىرلىكتە تەييارلىغان گۈرۈچ، تۇز، شوخلا قىيامى بولۇپ، جەمئىي 20 توننا كېلىدۇ، بۇ 149 مىڭ 700 يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي ئەشيا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىئانە قىلىنغان.

    يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، شىخۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن زىچ ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، بايلىقلارنى تەقسىملەش، ئاپتوموبىل يول خېتى بېجىرىش، يۈك قاچىلاش مەيدانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تىرانسپورت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

    بۇ قېتىمقى ماددىي ئەشيا توشۇش ۋەزىپىسىنى شىخۇ شەھىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جىنگۇ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى يۈ جېنمىڭ ئۈستىگە ئالغان. يۈ جېنمىڭ 20 نەچچە يىللىق شوپۇرلۇق تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، شىركەتنىڭ ماددىي ئەشيالارنى ۋۇخەن شەھىرىگە يەتكۈزىدىغان پىدائىي شوپۇر قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ تىزىملاتقان.

    يۈ جېنمىڭ مۇنداق دېدى: «شىركەتتە 20 نەچچە يىللىق تەجرىبىلىك شوپۇرلار كۆپ ئەمەس، پېشقەدەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشلامچى بولۇپ ياشلارغا ئۈلگە بولۇشۇم كېرەك».

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ۋۇخەن شەھىرىگە ئىئانە قىلىنغان 20 توننا ماددىي ئەشيا ئىچىدىكى 10 توننا شوخلا قىيامىنىڭ قىممىتى 100 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، بۇنى شىخۇ شەھىرى جىنشى گوشۇ چەكلىك شىركىتى ئىئانە قىلغان. شىركەت ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ مۇدىرى لۇ سىجياڭ مۇنداق دېدى: «بىز 10 توننا ئەلا سۈپەتلىك شوخلا قىيامى تەييارلاپ، ۋۇخەنگە ئىئانە قىلدۇق. شىخۇنىڭ كارخانىسى سۈپىتدە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا تۆھپە قوشالىغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز».

    شىخۇ شەھەرلىك تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسى مۈلۈك تىجارىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى سۇ لىمىن مۇنداق دېدى: «بىز مەبلەغ كەمچىل بولۇش، تەمىنلەش قىيىن بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بەش توننا شىخۇ <سەيۋەي شىخۇ> گۈرۈچى ۋە بەش توننا تۇز تەييارلاپ، ۋۇخەن شەھىرىگە ئىئانە قىلدۇق، بۇلارنىڭ ۋۇخەن خەلقىگە مەدەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ