
سانجى گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋۇ چيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جۇ گۇاڭتىڭ خەۋىرى): «بوۋا، سىزگە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ئەكەلدىم، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، ئىشىڭىز بولسا ماڭا تېلېفون بېرىڭ.» 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، فۇكاڭ شەھەرلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ چېڭگۈەن بازىرى تۇگۇڭ مەركىزىي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى كاڭ جياخۇي دورىنى سەيجىن كەنتتىدە يالغۇز تۇرىدىغان بوۋاي جاڭ جيېمەننىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۇگۇڭ مەركىزىي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى چارلىغۇچى، تەشۋىقاتچى ۋە ماددىي ئەشيالارنى ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى بولۇپ، ئاممىغا كۆكتات، دورا ئەكىلىپ بېرىپ، تۈرلۈك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ھەقسىز ۋاكالىتەن سېتىۋالدى. 1997-تۇغۇلغان كاڭ جياخۇي خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەرچە يېشى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن خىزمەتتە قىلچە بىپەرۋالىق قىلمىدى.
يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، تېببىي ئاساسىي بىلىمىگە ئىگە كاڭ جياخۇي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە پائال ئاتلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ۋاكالىتەن دورا سېتىۋالدى. ئەگەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجى بولسا، ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ ياكى ئۈندىدار توپىدا «زاكاس چۈشۈرسە»، كاڭ جياخۇي دەرھال دورا تىزىملىكى بويىچە دورا سېتىۋېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەردى.
تۇگۇڭ مەركىزىي كەنتىدە يالغۇز تۇرىدىغان 69 ياشلىق بوۋاي جاڭ جيېمەن ئۇزۇن يىلدىن بېرى يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، كاڭ جياخۇي تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاڭ جيېمەننىڭ ۋاقىتلىق ھامىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى ھەمدە كەنتتىكى باشقا يالغۇز تۇرىدىغان تۆت ياشانغان كىشىنىڭ تۇرمۇشى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. كاڭ جياخۇي سېتىۋالغان دورىنى جاڭ جيېمەنگە تاپشۇرۇپ بەرگەچ مۇنداق دېدى: «بوۋا، بۇنىڭدىن كېيىن مەن سىزنىڭ نەۋرىڭىز، بىئارام بولسىڭىز ماڭا دەڭ، نېمە لازىم بولسا بىۋاسىتە مېنى ئىزدەڭ، مەن سىزگە ئەكىلىپ بېرەي.»
ۋاكالىتەن دورا سېتىۋالغۇچى بولغاندىن باشقا، كاڭ جياخۇي يەنە ھەر كۈنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ھويلىلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، تازىلاپ، كەنتتىكى ياشانغانلارغا ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىپ، ھاردۇقىنى چىقىرىپ، ياشانغانلارنىڭ «غەمگۇزار»ى بولدى. «شياۋخۇي ياخشى بالا، ئۇ چىن كۆڭلىدىن بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى جاڭ جيېمەن.
يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، كاڭ جياخۇي ئون نەچچە جىڭ ئورۇقلاپ كەتتى، ئۇ چاقچاق قىلىپ مۇنداق دېدى: «نېمىدىگەن ياخشى، ئەمدى ئورۇقلىمىساممۇ بولىدىغان بولدى! باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، تېخىمۇ روھلۇق بولۇپ كېتىدىغان بولدۇم.» بۇ قېتىمقى ئىس-تۈتەكسىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەڭ مەيدانىدا، كاڭ جياخۇيگە ئوخشاش پىدائىيلار «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش» ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «دورا ساندۇق»ىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «قەلب»ىنى تېخىمۇ ئىللىتتى، غەمخورلۇق قىلىش ۋە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ياردەم بەردى.