تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يىڭشيا خەۋىرى): 2- ئاينىڭ 28- كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتى ئاقسۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى چوڭ تىپتىكى بانكا ئاپپاراتلىرى ئاقسۇ بانكا نازارەتچىلىكى شۆبە ئىدارىسى ۋە كەسپىي جەمئىيەتنىڭ «يۇقۇم مەزگىلىدە ئاقسۇ بانكىچىلىق، سۇغۇرتىچىلىق ساھەسىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بىخەتەر تىجارەت قىلىش ۋە خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

  ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى چوڭ بانكا ئاپپاراتلىرىدىكى ئىشىك ئاچقۇچى تور نۇقتىسى ئىشچى-خىزمەتچىلىرى يېرىم سائەت ئىلگىرى تور نۇقتىسىغا يېتىپ بېرىپ، ماسكا تاقاپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ، تىجارەت ئىش ئورنىغا كىرىپ، تىجارەت سورۇنى، ئاپتوماتىك ئەسلىھەلەر، ماشىنا-سايمانلار، زاپاس نەق پۇل قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلغان. تىجارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە خىزمەتچى خادىملار پۈتۈن خىزمەت جەريانىدا ماسكا تاقاپ، ھەركۈنى ئۈچ قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئاپتوماتىك ئەسلىھە قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلغان. مۇلازىمەتتە تور نۇقتىسىغا كەسىپ بېجىرگىلى كەلگەن خېرىدارلارغا ماسكا تاقىمىسا قوبۇل قىلماسلىق، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتمىسە قوبۇل قىلماسلىق، بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىنورمال بولسا كىرگۈزمەسلىكتەك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدە چىڭ تۇرغان، بۇ ئارقىلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەر خېرىدارلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل