تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋۇخەندىكى «قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى شىنجاڭلىق ئەزىمەت» تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنىڭ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئالى بابا تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنىڭ رېھىمغا تارقىتىپ بەرگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شىنساۋ خەۋىرى): «بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئون نەچچە يەرگە يەتكۈزدۈم، چۈشتىن كېيىن يەنە بەش، ئالتە يەرگە ئاپاردىم، 600 نەچچە ناننىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈپ بولدۇم.» 3-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 16:00لەردە، مۇخبىر رېھىم باراتقا تېلېفون بەرگەندە، ئۇ ۋۇخەندە ئېھتىياجى بار كىشىلەرگە نان يەتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. رېھىم بارات ئاممىۋى پاراۋانلىق نېنى ئىئانە قىلغاچقا، ۋۇخەندىكى يەرلىك تاراتقۇلار رېھىم باراتنى «قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى شىنجاڭلىق ئەزىمەت» دەپ ئاتاشتى. ئۇنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ھەرىكىتى يەنە ئالى بابا تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ھەمدە 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

  بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن رېھىم شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرىدىن بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ۋۇخەندە ئىگىلىك تىكلىگىنىگە 21 يىل بولغانىدى. بۇ يىل چاغانغا ئاز قالغاندا، ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ ئەمدىلا تۇغۇتتىن قوپقان خوتۇنىنى يوقلاپ كېلىشنى پىلانلىغانىدى، ئەمما يۇقۇم يۈز بەردى، رېھىم توققۇز خىزمەتچىنى باشلاپ «نان يەتكۈزۈش پىلانى»نى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

  «بىز دوستلار چەمبىرىكىدە ئۇچۇر تارقاتتۇق، پەقەت ئېھتىياجلىق كىشىلەر بولسىلا، بىز يەتكۈزۈپ بېرىمىز.» دېدى رېھىم، شۇنداق قىلىپ ئۇلار قوبۇل قىلىدىغان تېلېفونلار بارغانسېرى كۆپەيدى، نان يەتكۈزۈپ بېرىش دائىرىسىمۇ بارغانسېرى كېڭەيدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۈگۈنگە قەدەر، رېھىم جەمئىي 17 مىڭ  دانىدىن ئارتۇق ناننى كىشىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ، نەچچە ئون مىڭ يۈەن چىقىم قىلغان.

  ھازىر، خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 09:30 دىن تاكى كەچقۇرۇنغىچە نان ياقىدىكەن. ئېھتىياجى بارلارغا ھەقسىز نان يەتكۈزۈپ بەرگەندىن سىرت، رېھىم يەنە ۋۇخەنگە ياردەم بەرگىلى كەلگەن شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىگە ھەقسىز تاماق يەتكۈزۈپ بېرىۋېتىپتۇ.

رېھىمنىڭ ناۋايخانىسىدىكى خىزمەتچى نان يېقىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

رېھىم ۋۇخەنگە ياردەم بەرگىلى كەلگەن شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىگە ھەقسىز تاماق يەتكۈزمەكتە.

  ۋۇخەندىكى يەرلىك تاراتقۇ «چۇتيەن شەھەر گېزىتى» رېھىمنىڭ ھەقسىز نان، تاماق يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەردى، ئالى بابا ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىمۇ ئۇنىڭغا ئالايىتەن شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى. تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنىڭ باھالىغۇچىلىرى مۇنداق باھا بەردى: يۇقۇم رەھىمسىز، ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ۋۇخەنلىكلەرنىڭ ئارزۇسى بار ھەم ياردەمگە موھتاج. ئۇ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئېھتىياجى بار كىشىلەرگە زۆرۈر يېمەكلىكلەرنى يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇ تەننەرخ بىلەن ھېسابلاشماي، ياخشىلىقىنىڭ قايتىشىنى تەلەپ قىلماي، بىر تېلېفون بىلەن نانلارنى ئۆي-ئۆيلەرگە يەتكۈزدى. ئۇنىڭ بۇ مۇساپىسى خەتەرلىك ھەم جاپالىق. ئەمما ئۇ «ھەممە ئادەم ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقاندا، مەن كەينىمگە يانسام بولمايدۇ» دېدى.

  رېھىم بارات مۇنداق دېدى: «ۋۇخەن مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم، بۇ يەردە تۇرغان شۇنچە ئۇزۇن يىل جەريانىدا، مەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم، ھازىر مېنىڭ بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىدىغان ۋاقتىم.»

  «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم نان يېيىشىم، بۇ شىنجاڭلىق دوستقا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ئىسسىققىنە ناننى قولۇمغا ئالغىنىمدا قەلبىمنىڭمۇ ئىللىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.» يەتكۈزۈلگەن ناننى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋۇخەن شەھىرى ئاھالىسى فاڭ لىپىڭ تېلېفوندا خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

(سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەسى تەمىنلدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى