تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلار «قوزغىتىش كۇنۇپكىسى»نى باستى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى، تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن سودا سارايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ؟ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىرلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆت سودا ساراي، مەيدانغا كېلىپ نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى.

3-ئاينىڭ 4-كۈنى، تىيانشان تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىدا، خىزمەتچى خادىم پۇكەينى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

  دوستلۇق سودا سارىيى: تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، ماسكا تاقاش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى»نىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى

  «ياخشىمۇسىز، بەدەن تېمپېراتۇرىڭىزنى ئۆلچەپ باقاي.» 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىرلار ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق شىمالىي يولى دوستلۇق سودا سارىيىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، مال سېتىۋېلىشقا كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، 24 كۈندىن كېيىن تىجارەتنى قايتا باشلىغاندا، سودا سارىيى ئىشىكىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى ما پېڭخۇي ئالدىراش بولۇپ كەتتى، «ھەربىر كىرىش-چىقىش ئېغىزىدا چوقۇم تۆت نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇشى كېرەك، ئاساسلىق خىزمىتىمىز سودا سارىيىغا كىرگەن خېرىدارلارنىڭ ماسكا تاقىغان-تاقىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، يەنە خېرىدارلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، كىرىش ئىشىكى ئالدىدىكى سېلىنچىغا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى پۈركۈش ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ ئاياغ چەمىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش» دېدى ئۇ.

  سودا سارىيىغا كىرگەندىن كېيىن، مۇخبىرلار مەيلى خىزمەتچى خادىملار ياكى خېرىدارلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ماسكىنى توغرا تاقىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزئارا مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلىغانلىقىنى كۆردى. مۇخبىرلار لىفىتنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى كۇنۇپكىنىڭ يېنىغا قەغەز چاپلاقلىق ئىكەنلىكىنى، خېرىدارلارنىڭ لىفىتنى تېخىمۇ بىخەتەر ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىلغانلىقىنى كۆردى. يەنە ھەربىر قەۋەتتىكى تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ تازىلىق ئۆيىنى قەرەلسىز دېزىنفېكسىيە قىلىدىغانلىقىنى، تۇتقۇچ، قول يۇيۇش كۆلچىكى، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ تۇتقۇچى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق دېزىنفېكسىيە قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  مېيمېي دوستلۇق مال سېتىۋېلىش مەركىزى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ھەممە دۇكاننى قاپلىدى، ھەر سائەتتە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ

  مۇخبىرلار مېيمېي دوستلۇق مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە، بۇ يەردىكى دۇكانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ نورمال تىجارەت باشلىغانلىقىنى كۆردى، ئۈرۈمچى مېيمېي دوستلۇق مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جۇەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر سودا سارىيىمىزنىڭ كۈندىلىك تىجارەت ۋاقتى بىر ئاز قىسقارتىلدى، يەنى سائەت 11:30دىن سائەت 18گىچە، سودا سارىيىمىزدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق شەھەرچىسى، كىنوخانا ۋە يېمەك-ئىچمەك مەيدانىدىن باشقا دۇكانلار نورمال تىجارەت باشلىدى، ھەر سائەتتە بىر قېتىم ئاممىۋى رايونلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىىمىز.

  كىيىم-كېچەك، ئاياغ تۈرىدىكى مەخسۇس پۇكەيلەردىمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى جايىدا ئېلىپ بېرىلدى.

  «كىيىملەرنىڭ سۈپىتى ئوخشىمايدۇ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئاسانلىقچە چاچساق بولمايدۇ، شۇڭا خېرىدارلار كىيىپ باققان كىيىملەرنى پوكەي خىزمەتچىلىرى مەخسۇس ئايرىم قويۇپ قويىدۇ ياكى ئاسما دەزمالدا قايتا بىر قېتىم دەزماللايدۇ، ئاياغ پۇكىيىدىكى خىزمەتچى خادىملارمۇ خېرىدارلارنى بىر قېتىملىق ئاياغ قاپلىغۇچ بىلەن تەمىنلەيدۇ، پەقەت ئۆزىمىز يۇقۇم مۇداپىئە كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسەكلا، ئاندىن خېرىدارلارنى خاتىرجەم قىلالايمىز» دېدى جاڭ جۇەن.

  جىڭكەي ۋەندا مەيدانى: سودا سارايدىكى يېمەك-ئىچمەك سورۇنلىرىدا يۇقۇمنىڭ قاتتىق ئالدى ئېلىنىپ، دۇكاندا غىزالىنىش رەت قىلىندى

  ئۈرۈمچى جىڭكەي ۋەندا مەيدانىدا تىجارەت باشلىنىپ، سودا ساراينىڭ 4-قەۋىتىدىكى يېمەك-ئىچمەك رايونى «قىزىپ» كەتتى.

  ئۈرۈمچى جىڭكەي ۋەندا مەيدانى سودا باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خوۋ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سودا سارىيىمىز ئەمدىلا تىجارەت باشلىدى، شۇڭا تىجارەت ۋاقتى بىر ئاز قىسقارتىلدى، خېرىدارلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سودا سارىيىمىزدىكى بارلىق يېمەك-ئىچمەكلەرنى سېتىۋېلىپ ئېلىپ كېتىشكە بولىدۇ، ئەمما دۇكاندا غىزالىنىش چەكلىنىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، ھەر ئىككى سائەتتە سودا سارىيىمىزدىكى ئاممىۋى رايونلار ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ.

  تىيانشان تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى: ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا ئىككى قېتىم تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، ھەقىقىي ئىسمىنى تىزىملاپ ئاندىن سودا سارىيىغا كىرىش

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، تىيانشان تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىدا، شەھەر ئاھالىلىرى ھەقىقىي ئىسمىنى تىزىملاپ ئاندىن سودا سارىيىغا كىرمەكتە.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 13:00تە، جۇڭسەن يولىغا جايلاشقان تىيانشان تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىدا شەھەر ئاھالىلىرى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن سودا سارىيىغا كىردى. مۇخبىرلار تىيانشان تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، مال سېتىۋالغىلى كەلگەنلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىۋاتقانلىقى ۋە ھەقىقىي ئىسمىنى تىزىملىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  شىنجاڭ دوستلۇق(گۇرۇھى) پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تىيانشان تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى تىجارەت مەركىزىنىڭ دىرېكتورى چېن شياۋفېڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، سودا سارىيىمىزنىڭ يەر ئاستى 1-قەۋىتىدىكى تاللا بازىرى ئىزچىل نورمال تىجارەت قىلدى، 3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ 1-قەۋەتتىن 6-قەۋەتكىچە بولغان تۈرلۈك ماللار رايونىدىمۇ تىجارەت ئەسلىگە كەلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بىز توردا مال سېتىش سۇپىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىر تۇتاش تور سىرتىدا يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق. 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىغا قايتتى ھەمدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى».

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، تىيانشان تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىدا، تاللا بازىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يېمەكلىك تەييارلىماقتا.

  چېن شياۋفىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم سودا سارىيىمىزنىڭ ئاممىۋى رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتىمىز، لىفىت، پۇل يىغىش سۇپىسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرەر بۇلۇڭىنىمۇ چۈشۈپ قويمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىدۇق، شەخسىي مۇداپىئە خىزمىتى ھەم تەۋە رايونلارنىڭ تازىلىق، دېزىنفېكسىيە خىزمىتىنىمۇ ياخشى ئىشلىدۇق.

  ئاۋۋال بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تىزىملاپ، ئاندىن سودا سارىيىغا كىرگۈزۈش تەدبىرىگە قارىتا، شەھەر ئاھالىسى جاۋ مىن مۇنداق دېدى: «قاتتىق تەكشۈرۈش ھەربىر ئادەمگە مەسئۇل بولغانلىق، يۇقۇم تېخى ئاخىرلاشمىدى، بىز يەنە ئورتاق تىرىشىشىمىز كېرەك».

  (مۇخبىرلىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، ئايشەمگۈل ئابلا خەۋىرى، ئايشەمگۈل ئابلا فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى