تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ قوشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

شىنجاڭ بانكا پاي چەكلىك شىركىتى 5 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسى 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى، شىنكۇاڭ مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسى 1 مىليون 80 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى، شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى، شىنجاڭ شۆفېڭ پەن - تېخنىكا (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى... يېقىندا، يەنە بىر تۈركۈم مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارغا پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى.

ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ خوتەن دىچېن تېببىي دورا - بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر تۈركۈم ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئارقا - ئارقىدىن ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئالدىراش ئىشلەۋاتقان شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا يۇرت خەلقىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ھازىرغا قەدەر، بۇ كارخانا جەمئىي ئىئانە قىلغان ماددىي ئەشيانىڭ قىممىتى 24 مىليون 880 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە قىممىتى 6 مىليون يۈەنلىك ساغلاملىق بۇيۇمى ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى سەككىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋالاش ئاپپاراتىغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى. «شىركەت خىزمەتچىلىرى ۋە تېز يەتكۈزگۈچىلەر مۇشۇ كۈنلەردە ئىزچىل ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى، قاچىلاش، مال يۆتكەش، ئاپتوموبىلغا بېسىش، توشۇش... ھېرىشنىغۇ ھاردى، ئەمما ۋۇخەندىكى تېببىي خادىملارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا، ھەممىسى ئەرزىيدۇ دەپ ھېس قىلدى» دېدى شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گې جيەنشىن.

2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن، قىسقىغىنا ئۈچ كۈندە 10 مىليون يۈەن ئىئانە يىغىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، گۇاڭخۇي گۇرۇھى ۋە قارىمىقىدىكى كەسىپلەر ئاپتونوم رايونغا ئۈچ توننا مۇداپىئە كىيىمى، دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان N95 ماسكا قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جىددىي كەمچىل بولغان ماددىي ئەشيالارنى ئىئانە قىلغان، بىر قىسىم جايلار ۋە ئورۇنلارغا 100 توننىغا يېقىن دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، 2 مىليون يۈەنگە يېقىن پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغانىدى. گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناترىي گىپوخلورىت دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى تۈرىنى جىددىي قۇردى، 400 مىڭدىن ئارتۇق خېرىدارنى تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان گاز بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى؛ گۇاڭخۇي ئۆي سېتىۋېلىش كەسپى 800 مىڭغا يېقىن ئاھالىنىڭ مۈلۈك مۇلازىمىتى، پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

شىنجاڭ دىۋاڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە 2 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى. «ئۆزىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايمىز» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى جېڭ گۇاڭيوۋ.

شىنجاڭ جىنچېڭ جىنيۈەن بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە 300 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كارخانىدىكى خىزمەتچىلەر ئۆزلىرى مەبلەغ توپلاپ 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ھەمدە ئېھتىياجلىق ئاھالىلەرگە ئىئانە قىلغان.

(مۇخبىر سۇ لۇپىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار چاۋ جىن، شى شىن، يۈ مېڭرەن، ۋېي خۇڭپىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى