تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يەنە چىدىۋەتسەك نېمە بوپتۇ

يۆ يەنيۈن

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتقان ھالەت دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر ئۆيىدىن چىقىپ ئىدارىسىگە بېرىپ ئىشقا چۈشتى، تاللا بازىرىغا بېرىپ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋالدى... بۇ چاغدا، گەرچە باھار شامىلى يۈزنى سىيپاپ ئۆتسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن خۇش بولۇپ كېتىشكە، ئالدىراپ ماسكىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

ئۆيدە تۇرغىلى ئۇزاق بولدى، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىراپ سىرتقا چىقىپ ئىللىق باھاردىن ھۇزۇرلىنىش ھېسسىياتىنى تامامەن چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، بىز ھوشيارلىقىمىزنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز، ۋىرۇسقا ھەرگىز پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك.

شۇنى بىلىش كېرەككى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى بۈگۈنكى نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇ، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، مەھەللە كادىرلىرى، پىدائىيلار قاتارلىقلارنىڭ كېچە - كۈندۈز بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش، جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈش، ھەتتا ھاياتىنى قۇربان قىلىشى بەدىلىگە كەلگەن؛ شۇنداقلا بىز ھەربىر ئاددىي كىشىنىڭ مۇھىم قائىدىنى تونۇپ، چوڭ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئۈن - تىنسىز چىڭ تۇرۇش بەدىلىگە كەلگەن. ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. ھەرقانداق قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇش، بىخۇدلۇق قىلىش، بوشىشىپ جەڭدىن بىزار بولۇش كەيپىياتى يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنى بىز كۆرۈشنى خالىمايمىز ھەم قوبۇلمۇ قىلالمايمىز.

ماسكىنى تېزرەك ئېلىۋېتىش ئۈچۈن، داۋاملىق ماسكا تاقاش كېرەك. توپلىشىشقا ئالدىرىماسلىق كېرەك، بولۇپمۇ سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى قاتارلىق كىشىلەر زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلارغا بارغاندا، ئادەم بىلەن ئادەم مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلىشى كېرەك؛ يىغىلىشقىمۇ ئالدىرىماسلىق كېرەك، نېمە گەپ بولسا، تېلېفوندا، ئۈندىداردا ئېيتسا بولىدۇ؛ دوست - بۇرادەرلەرنى چاقىرىپ يىغىلىپ تاماق يېيىشكە تېخىمۇ ئالدىرىماسلىق كېرەك... شۇنچە ئۇزاق چىڭ تۇردۇق، يەنە ئازراق چىڭ تۇرساق نېمە بوپتۇ؟ زېرىكىشلىككە بەرداشلىق بەرگەندىلا، ئاندىن ئاۋاتلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، ئىشىنىمىزكى، سىز ۋە مېنىڭ تىرىشچانلىقىمىز بولسىلا، تولۇن ئاينى كۆرەلەيدىغان كۈنگە ئۇزاق قالمىدى.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ