تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە مەن بار

  3ـ ئاينىڭ 4ـ كۈنى، سايرا قىزىپ قالغان ئاغرىقنىڭ كېسىلىنى كۆرمەكتە.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ، چاۋ جىن خەۋىرى، فوتوسى) دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە سېپى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سايرا خەمىت مۇشۇ مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلغان بىر ئەزا.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، خىزمەتدىشى سايرانىڭ مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىۋېلىشىغا ياردەملەشتى ھەم تەپسىلىي تەكشۈردى.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر پاكىز رايوندا مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدىكى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە كىردى، سايرا دېزىنفېكسىيە ماشىنىسى ئېچىپ قويۇلغان كېسەل كۆرۈش ئۆيىدە بىر قىزىپ قالغان ئاغرىقنىڭ كېسىلىنى كۆرۈۋاتاتتى.

  «قاچاندىن باشلاپ قىزىدىڭىز؟ قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلدى؟ يۇقۇم رايونى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخىڭىز بارمۇ؟ قايسى مەھەللىدىن كەلدىڭىز؟ سىزنى ھۆددە كادىرى ئېلىپ كەلدىمۇ؟» ئىككى قات پەلەي كىيىۋالغان سايرا بىر تەرەپتىن كېسەل كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن كومپيۇتېرغا ئاغرىقنىڭ ئۇچۇرىنى تەپسىلىي خاتىرىلىدى.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، سايرا كۆز ئاسراش ئەينىكىنىڭ ئىچىگە دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى پۈركىمەكتە.

  كېسەل كۆرۈش ئۆيىدىن چىقىپ تەخمىنەن 10 مېتىر ماڭغاندىن كېيىن قان ئېلىش ئۆيىگە بارغىلى بولىدۇ. بىر تەكشۈرۈش خادىمى كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقاپ، ئاغرىقتىن قان ئەۋرىشكىسى ئالدى، ئون نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى سايرانىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى. سايرا قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ ئاغرىققا ئۆپكىنى CTدا تەكشۈرۈش قەغىزى كېسىپ بەردى، CT ئۆيى يەنە بىر بىنادا بولغاچقا، سېسترا ئاغرىققا مۇداپىئە كىيىمى، قالپىقىنى كىيگۈزۈپ، ماسكا تاقىغۇزدى، مەخسۇس ئادەم ئاغرىقنى ئايرىم يول ئارقىلىق CT ئۆيىگە ئاپىرىپ تەكشۈرتتى.

  سايرا مۇنداق دېدى: ئاغرىقنىڭ رېنتىگىنلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە گۇمانلىق نۇقتا كۆرۈلگەن ھامان، يۇتقۇنچاق پەلكۈچى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ھەم كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. 24 سائەت ئارىلىق قالدۇرۇپ ئىككى قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولسا ئائىلىدە ئايرىش تەكلىپى بېرىلىدۇ، ئەگەر مۇسبەت ئاغرىققا يولۇقسا دەرھال بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىلىدۇ.

  سايرا 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە ئۇدا 20 نەچچە كۈن ئىشلىدى. «ئۇ مەزگىلدە، مەن ھەر كۈنى 30دىن ئارتۇق ئاغرىقنى كۆرەتتىم.» دېدى سايرا.

   ئىككى ھەپتە دەم ئېلىشكە تەڭشەش دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبولاتۇرىيەسىدىكى تېببىي خادىملارغا بولغان غەمخورلۇقى. ئۇ ئۆيگە قايتىپ ئۆزىنى 14 كۈن ئايرىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىككى قىزىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن قايتۇرۇپ كېلىشكە جۈرئەت قىلالىدى.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، سايرا ئەينەككە قاراپ يۈزىدىكى كۆز ئاسراش ئەينىكى بېسىپ چىقىرىۋەتكەن ئىزلارنى كۆرمەكتە.

  3-ئاينىڭ 3-كۈنى، سايرا يەنە بىر قېتىم قىزىتما ئامبولاتۇرىيەسىگە كىرىپ كېسەل كۆرۈشكە باشلىدى. N95 ماسكىسىنى تېجەش ئۈچۈن، ئۇ سىرتقا يەنە بىر قەۋەت داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئادەتتىكى ماسكا تاقاپ، قاڭشىرىغا بىر قەۋەت داكا قويۇۋالدى. مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىش-سېلىشقا ئۇ بەك پىششىق بولۇپ كەتكەنىدى. بىر نەچچە تېببىي خادىم يەنە مۇنداق بىر كىچىك تەجرىبىنى يەكۈنلەپ چىقتى: كۆز ئاسراش ئەينىكىنىڭ ئىچىگە ئازراق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چېچىپ قويسا، ئەينەك ھورداشمايدۇ.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، سايرا چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشمەكتە.

   چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، پەقەتلا يېرىم سائەت ئىدى، سايرا تاماق يېگەچ چوڭ قىزى بىلەن سىنلىق بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشتى. «ئاپا، مەن سىزنىڭ قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتىمەن، سىز ئەڭ قالتىس دوختۇر.» قىزىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئۇنى خۇشال قىلىۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى