تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسىدىكى تىجارەتچىلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى

  سانجى گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شو،  ئىختىيارىي مۇخبىر جۇ ۋېنچىڭ خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كىيىن، سانجى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسىدىكى تۆت تىجارەتچى ئۆزلۈكىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەرگە ئىئانە قىلدى، ئىئانە سوممىسى 20 مىڭ 800 يۈەنگە يەتتى، جەمئىي 300 كىشىلىك ساڭزا، پېچىنە-پىرەنىك ئىئانە قىلدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، سانجى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسىدىكى خىزمەتچىلەر ئىئانە قىلغان بۇيۇملارنى رەتلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىغا ئاپىرىپ بىر تۇتاش تەقسىم قىلدى. سانجى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چى يەن مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى مەزگىلدە باشقۇرۇش كومىتېتىمىز خىزمەتچىلەرنى پۇل ئىئانە قىلىشقا تەشكىللىدى، تىجارەتچىلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل