تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز جايىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ): نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىگە كىردى، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتقان مەزگىلدە شۇ جاينىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، يېزىلاردا ئۆگىنىشكە، يېزىلارغا خىزمەت قىلىشقا چاقىردى.

  تەشەببۇستا مۇنداق دېيىلدى: يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياردەم بېرىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەتبىقلاپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى رەتلەپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپكە ئىنكاس قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ھەقىقىي قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىكى «ئەمەلىي جەڭ»دە تىرىشىپ چېنىقىپ، تۇپراققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان ئويلىنىشىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر كۆز قارىشى ئارقىلىق ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىش ۋە بازار ئېچىشنىڭ باشلامچىلىرىغا ئايلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ۋە كەسپىي ئەمەلىيىتىنى ۋەتەن زېمىنىغا يېزىشى كېرەك.

  ھازىر، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، توردىكى ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئئاساستا ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ئاتلاندى.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جاڭگىلىئەسكى يېزىسى قاراچاقا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇسالام تۇرغۇن ئۆزى مەكتەپتە ئۆگەنگەن كەسپىي بىلىمىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئېتىز پەرۋىشى ۋە ياڭاق دەرىخىنى چاتاش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى، ئۇ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئوتلاق ۋە مۇھىت ئىلىمى شۆيۈەنى ئېكولوگىيە كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى.

  چۇڭچىڭنىڭ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئوقۇغۇچى پېڭ كەيمۇ شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا پائال ئاتلىنىپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە يەر ئاغدۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، تەشەببۇس چىقىرىلغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەردىن تارتىپ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياردەم بېرىشكە قاتناشقان.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيې شۇچىڭ مۇنداق دېدى: تېرىقچىلىققا ياردەم بېرىش بىر قېتىملىق جانلىق ئەمگەك ئەمەلىيەت دەرىسى، 1999-يىلىدىن ھازىرغىچە مەكتىپىمىزدىن بۇ دەرسكە 1900دىن ئارتۇق سىنىپتىكى 78 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتناشتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى بېغىشلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ