تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

90-يىللاردا تۇغۇلغان ساۋەنلىك يىگىت ۋۇخەندە پىدائىي بولدى

  ۋاڭ جى ئايرىش نۇقتىسىنىڭ سىرتىدا دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يەن ۋېنخۇا خەۋىرى): ئەتىگەن سائەت يەتتە يېرىمدا ۋېلىسىپىت مىنىپ ئىشىكتىن چىقىپ، سائەت سەككىزدە ۋۇخەن خوڭشەن رايونىدىكى قويۇق ئۇچراشقۇچىلارنى ئايرىش نۇقتىسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ مۇداپىئە كىيىمى، ئاياغ قاپلىمىسى كىيىپ، ماسكا، كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقاپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان پەلەينى كىيگەندىن كېيىن بىر كۈنلۈك پىدائىيلار مۇلازىمەت خىزمىتىنى باشلىدى.

  ئايرىش نۇقتىسىدا 20 نەچچە كۈن پىدائىي بولغان ۋاڭ جى بۇ خىزمەتنى تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىدى.

  بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن ۋاڭ جى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋۇخەن بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتىسى بار. 2013-يىلى، ئۇ ۋۇخەن ئىقتىساد شۆيۈەنىدە ئوقۇپ، تۆت يىللىق داشۆ ھاياتىنى ۋۇخەندە ئۆتكۈزدى. 2017-يىلى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇ ساۋەنگە قايتىپ كەلدى. 2018-يىلى يەنە ئۈرۈمچىدە بىر يىل خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ۋۇخەندە ئۆزىنىڭ كۈرەش ئارزۇسى بارلىقىنى ھېس قىلدى.

  2019-يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ۋاڭ جى ۋۇخەندىكى بىر ئالاقە تورى شىركىتىگە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىندى. چاغاندىن بۇرۇن، ئۇ ساۋەنگە قايتىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولماقچى بولغاندا، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىش يولىنى ئۈزۈپ قويدى.

  ۋاڭ جى ۋۇخەندىكى ئىجارە ئالغان ئۆيىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ، ھەر كۈنى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلدى. 2- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۇ توردا ۋۇخەندە پىدائىي قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كەسكىنلىك بىلەن تىزىملاتتى.

  «ئەگەر سىزنى خەتىرى چوڭراق جايغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىڭ دېسە، خالامسىز؟» مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ سورىدى.

  «خالايمەن.»

  تىزىمغا ئالدۇرغاندا، ۋاڭ جى كۆڭلىدە مەيلى قەيەرگە بېرىپ پىدائىي بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھەققانىيەت يولىدىن قايتماسلىقنى قارار قىلدى.

  ۋاڭ جى (سولدىن 1-كىشى) پىدائىيلار بىلەن ئايرىش نۇقتىسى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  «ۋۇخەندىن ئىبارەت بۇ شەھەر ئاغرىپ قالدى، ھالقىلىق پەيتتە، بىز ياشلارنىڭ سالامەتلىكى ياخشى، زېھنى كۈچىمىز ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بەرداشلىق بېرىشىمىز كېرەك.» ۋاڭ جى خەتەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويدى.

  2-ئاينىڭ 12-كۈنى، ۋۇخەن خوڭشەن رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى پىدائىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاڭ جى ۋە باشقا ئىككى پىدائىي، تېببىي خادىم، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە ئايرىش نۇقتىسىنى يىغىشتۇرۇپ، بىرىنچى تۈركۈمدىكى قويۇق ئۇچرىشىپ ئايرىۋېتىلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلدى.

  ۋاڭ جى ئاساسلىقى ئايرىش نۇقتىسىنىڭ سىرتىنى دېزىنفېكسىيەلەش، تازىلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى؛ ئايرىۋېتىلگەنلەرگە ئۈچ ۋاق تاماق ئاپىرىپ بېرىش، ئايرىۋېتىلگەن ئۆيدىكى ئەخلەتلەرنى يىغىۋېلىش؛ ئايرىۋېتىلگەنلەرگە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن بەلگە يېزىش قاتارلىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، يېڭىدىن كەلگەن ئايرىۋېتىلگەنلەرنى يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، كۆچۈپ كىرىشىگە ياردەم بەردى.

  خىزمەت ئالدىراش ۋاقىتتا، ۋاڭ جى پۈتۈن يۈرۈشلۈك مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ يەتتە-سەككىز سائەت خىزمەت قىلدى؛ مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىۋەتكەندىن كېيىن، خۇددى ھورداققا چۈشكەندەك پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ، كۆز ئەينەكتىكى ھور كۆرۈش سىزىقىنى توسۇۋالاتتى.

  ۋاڭ جى (سولدىن 1-كىشى ) تېببىي خادىملار، پىدائىيلار ئىئانە قىلغان مامۇق چاپاننى كىيىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  «بىز ئىچكەن سۈت، يېگەن مېۋە-چېۋە، كىيگەن مامۇق كىيىملەرنىڭ ھەممىسىنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىئانە قىلغان بولۇپ، كىشى قەلبىنى بەكمۇ ئىللىتىدۇ.» دېدى ۋاڭ جى.

  ۋاڭ جىنى خۇشال قىلغىنى، ئايرىش نۇقتىسى مۇلازىمىتىدە باشقىلار ئېھتىياجلىق بولغان قىممەتنى نامايان قىلىپ، تېببىي خادىملار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئورنىتىلغان دوستلۇق.

  3- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئايرىش نۇقتىسىدىكى بىر سېسترانىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئۇ بىر تېببىي خادىمدىن ئاغرىققا ئايلاندى، ۋاڭ جى بىلەن 20 كۈنگە يېقىن كۈرەش قىلغان بۇ تونۇش سايە ئايرىش رايونىغا بارماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى. لېكىن بۇ سېسترا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئۇلارغا قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋەدىسىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشىنى تاپىلىدى.

  «يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ماسكىنى ئېلىۋېتىپ قايتىدىن تونۇشۇپ، خۇشال كەيپىياتتا خوگو يەيلى، شۇنىڭدىن كېيىن قاينام تاشقىنلىققا چۆمۈپ يېڭى تۇرمۇشىمىزنى باشلايلى» مانا بۇ ئۇلارنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان چاغدىكى گۈزەل ۋەدىسى.

  ئايرىش نۇقتىسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ۋاڭ جىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى بىلەن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، چۈنكى ۋۇخەن ئۇنىڭغا ئوخشاش پىدائىيلارغا موھتاج ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى