سانجى گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما شياۋفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ۋېنتاۋ خەۋىرى): 3- ئاينىڭ 2- كۈنى، مۇخبىرنىڭ سانجى ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ۋە يامراپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئۈچۈن، يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن تاكى 3- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە، شۇ جاينىڭ ئۆزىدىكى ئەخلەت زاۋۇتىدا بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئاپېرىپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، پۈتۈن ئوبلاستتىكى جەمئىي 480.87 توننا ئالاھىدە زىيانلىق ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىنغان.
يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، سانجى ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرىنچى ۋاقىتتا سانجى شەھىرىدىكى ئالاھىدە زىيانلىق ئەخلەتلەرنى يىغىۋېلىش، تازىلاش، توشۇش، ئەخلەتلەرنى يۆتكەپ توشۇش پونكىتلىرىنىڭ كۈندىلىك تازىلىق ئەھۋالى ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىپ، مىكروب ئۆلتۈرۈش مەشغۇلات تەرتىپىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئالاھىدە زىيانلىق ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئەخلەت زاۋۇتلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ھەر كۈنى مەخسۇس ئاپتوموبىل، مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئالاھىدە زىيانلىق ئەخلەتلەرنى يىغىۋېلىش، توشۇش، بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى قىلغان، ئالاھىدە زىيانلىق ئەخلەتلەرگە قارىتا دېزىنفېكسىيە قىلىپ، مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلاتلىرىدىن كېيىن، يەنە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ئاندىن كۆمۈۋەتكەن، پۈتۈن تەرتىپ سەھىيە-ساغلاملىق، مۇھىت ئاسراش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان.