تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مىن): 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى خىزمەت بىناسىدا، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خادىملىرى ئالدىراش يۈرەتتى. ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار داۋاملىق ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىغان «ھولمېس»لىق رولىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خادىملىرى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن بىرىنچى ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىمى ۋە نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈش تەجرىبىسى ئارقىلىق، مۇرەككەپ يىپ ئۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسى، تارقىلىش يولى ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئاندىن تېزدىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يولىنى توسىدى.
ئاغرىق مىسالىنى 24 سائەت ئىز قوغلاپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى تېز سۈرئەتتە توسۇش
«بىز ھازىر سىرتتىن ئەۋەتىلگەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىۋاتىمىز، يىغىپ رەتلىگەندىن كېيىن ئۇلار تۇرۇشلۇق جايغا يوللايمىز، يەنە يېقىنقى بىر باسقۇچتا يۇقىرىغا يوللىغان تارقاق يۇقۇم ئەھۋالى ۋە توپلىشىشتىن بولغان يۇقۇم ئەھۋالىنى رەتلەيمىز ۋە تەھلىل قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇر بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، ھۆكۈم قىلىش خىزمىتىنى زۆرۈر ئاساس بىلەن تەمىنلەيمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش جىددىي بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى لى فەننىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، بۇ مەركەز شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتكەن تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خادىملىرى يەنىلا داۋاملىق خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ.
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 1-ئاينىڭ باشلىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش جىددىي بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى.
1-ئاينىڭ 23-كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئەۋرىشكىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش جىددىي بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى تۇنجى بولۇپ نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتىپ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. «بىز ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ 14 كۈنگە يېقىن ئاشكارىلىنىش تارىخى، ئۇچراشقان كىشىلەر توپى، تۇرمۇش ۋە ھەرىكەت ئىزى قاتارلىقلارنى ئېنىقلاپ چىقىشىمىز، بولۇپمۇ ئاغرىقلارنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسى ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئاندىن بۇ يېقىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىزدەش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.» دېدى لى فەن.
تۇنجى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ مەركەزنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش جىددىي بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈشكە باشلىدى، «ئاغرىق بايقالغان ھامان خادىملار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ھەمدە خىزمەت ئاخىرلىشىپ ئىككى سائەت ئىچىدە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى ۋە ھۆكۈم قىلىشىنى تېز سۈرئەتتە ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.» دېدى لى فەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ مەركەز تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خادىمىدىن ئون نەچچىنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ، شۇ جاينىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتى، ئايرىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى تېخنىكا يېتەكچىلىكى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلىدى.
ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ
لى فەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ خىزمىتىنى يەنىلا بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدىكەن. سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دۆلەتنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئومۇمىي تەلىپى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جايلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، سىرتتىن شىنجاڭغا كەلگەن خادىملارنىڭ كۆپىيىشى، يەرلىكتىكى خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ زورىيىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسمەن ئاممىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنىڭ بوشىشىپ كېتىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى قەدەمدىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن، شۇڭا يەنىلا ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇش كېرەك. (سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى تەمىنلىگەن.)