تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىر كۆرسەتمىسىنى چۈشەندۈردى

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ جاڭ لىڭ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار كاڭ خاۋيەن، جۇڭ جاۋفېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىر كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۆرسەتمە»دېيىلدى) غا قارىتا چۈشەنچە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلارنىڭ يەنىلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭمۇ ئۆزىگە بولغان تەلەپنى كۈچەيتىپ، شەخسىي مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، توپلىشىۋالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ جاڭ لىڭ مۇنداق دېدى: «كۆرسەتمە»دە قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىلمىي تەشكىللەش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىككى قولدا تۇتۇپ، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ قوشۇلدى.

  ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قارىتا، جاڭ لىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن ئىش ئورنىغا قايتقان خىزمەتچىلەرنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك، شىنجاڭ سىرتىدىن ئىش ئورنىغا قايتقان خادىملار ئىش ئورنىغا قايتىشتىن بۇرۇن 14 كۈن ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىشى كېرەك، بۇ مەزگىلدە قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەندىن كېيىن، سالامەتلىكى ياخشى بولسا، ئاندىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ساغلاملىق جەدۋىلىنى تۇرغۇزۇپ، تەلەپ بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە رايونلارغا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ ساغلاملىقنى باشقۇرۇش كېرەك. گۇمانلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى دوكلات قىلىش تېلېفونى تەسىس قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەردە گۇمانلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، دەل ۋاقتىدا خىزمەت ئورنىغا ئەھۋالنى ئەينەن دوكلات قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن، كۈندىلىك بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر كۈنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشقا چىققاندا ۋە ئىشتىن چۈشكەندە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ۋە خاتىرە قالدۇرۇش، بىنورمال ئەھۋاللارنى بايقىغاندا دەرھال دوكلات قىلىش ھەمدە مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

  «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خىزمەت سورۇنى، ئاممىۋى رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، بۇ 13 تەپسىلاتقا چېتىلىدۇ.» جاڭ لىڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەسىلەن، خىزمەت سورۇنىغا كىرىپ-چىقىشقا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا تىزىملاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، خىزمەتچىلەرنى ئۇچراشماي ئىشقا چىقىش ۋە ئىشتىن چۈشۈش ئۇسۇلى بىلەن مۇۋاپىق تارماققا ئايرىش؛ تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىشنى ياخشى قىلىش، قول يۇيۇش كۆلچىكى تەسىس قىلىپ، يۇيۇش-يوقىتىش بۇيۇملىرىنى سەپلەش؛ شامال ئۆتۈشتۈرۈپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پائالىيەت بۆلىكىدىكى ئادەم سانىنى كونترول قىلىپ، ئادەم توپلىنىشنى ئازايتىش كېرەك. يىغىن زالى، ئاشخانا، ياتاق قاتارلىق ئاممىۋى رايونلاردا يىغىن قېتىم سانى ۋە كۆلىمىنى كونترول قىلىپ، توردا يىغىن ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىش؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەر تاماق يېگەندە ئايرىم-ئايرىم غىزالىنىپ، غىزالىنىش بېسىق مەزگىلى ۋاقتىنى سۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ياتاقتا ياتىدىغان ئادەم سانىنى قاتتىق كونترول قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ياتاقنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش، ئاممىۋى سورۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملار، تازىلىق ئۆيى، ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىقلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.

  «بىز شەخسىي پائالىيەتتە تەلەپچان بولۇش، ئىشتىن چۈشۈپ ئارام ئالغاندا يىغىلىپ توپلاشماسلىقنى، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىز.» جاڭ لىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان %85 ئاغرىق مىسالى ۋە مەملىكەت بويىچە % 76 ئاغرىق مىسالىنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇملانغانلار. شەخسلەر ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە زۆرۈر بولمىغان سىرتقا چىقىشنى ئازايتىپ، كىشىلەر توپلاشقان، بولۇپمۇ ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈشچانلىقى ناچار سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. شەخسىي مۇداپىئەنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ماسكا تاقاش، قول تازىلىقى، ئاز يىغىلىش»، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، مۇۋاپىق چېنىقىش، قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات قىلىش قاتارلىق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ