تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى مۇداپىئە بۇيۇملىرى كارخانىلىرى تېز سۈرئەتتە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتتى

 

شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى مۇداپىئە بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان 23 كارخانىنىڭ بىرى. بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، پىدائىيلار ماسكىلارنى ئايرىماقتا.

شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ماسكىلار. 

شىنجاڭ مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى سېتىۋالغان ماسكا خام ماتېرىياللىرى.

   شىنجاڭ مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى سېتىۋالغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان خام ئەشيالار يېتىپ كەلدى.

شىنجاڭ لېبېيئېر سودا چەكلىك شىركىتى بار كۈچى بىلەن ماسكا ئىشلەپچىقارماقتا.

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تۈردىكى ماسكا، ئايرىش كىيىمى، مۇداپىئە كىيىمىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان 23 كارخانا رويخەتكە ئېلىنغان.

  كارخانىلار ئاكتىپلىق بىلەن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتتى ۋە ماسكا ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سالدى.

    قاراماي سەينو كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كىيىم-كېچەك پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى بولۇپ، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتىپ، ماسكا ئىشلەپچىقاردى، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، «بىز ھازىر پاكىز سېخنى ئۆزگەرتىپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا ئىشلەپچىقىرىدىغان تولۇق ئاپتوماتىك لىنىيە قۇرۇۋاتىمىز، مۆلچەرلىمىزچە، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىر قېتىملىق داۋالاش ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايمىز» دېدى قاراماي سەينو كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چيۇ يۈن.

    شىنجاڭ مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان كارخانا بولۇپ، نۆۋەتتە كارخانا 18 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ماسكا ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشياسى، ئېپوكسى ئېتان مىكروبسىزلاندۇرۇش ئىشكاپى، ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى سېتىۋالدى. «داۋالاش مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى تولۇق زەنجىرسىمان ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى، بۇلار داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا، N95 ماسكىسى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى، بىر قېتىملىق ئوپېراتسىيە كىيىمى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگۈچ، كۆز ئاسراش ئەينىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى شىنجاڭ مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېڭ چېن.

    نۆۋەتتە، بۇ كارخانا ئالدى بىلەن قەشقەر كوئىنلۇن ئۇيغۇر دورىگەرلىكى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پاكىز سېخىنى ئىجارىگە ئېلىپ، ماسكا ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى، ئۆزىنىڭ پاكىز سېخىنى لايىھەلەپ ئۆزگەرتىشنى باشلىدى. «3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتراپىدا ماسكا ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدىكى پاكىز سېخىمىز پۈتكەندىن كېيىن، ماسكا قاتارلىق تېببىي مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىمىز، كېيىن يەنە ئېكسپورت قىلىشىمىز مۇمكىن» دېدى چېڭ چېن.

    ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىغان بولغان ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، فۇكاڭ سانائەت رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ جۈجاۋ خۇيسېن تازىلىق بۇيۇملىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتىپ، ئامما ئىشلىتىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش باشلىنىدىكەن. 

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى بىرىنچى، ئىككىنچى تۈردىكى ئەنگە ئېلىنغان مۇداپىئە ماددىي ئەشياسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن 12سى ماسكا ئىشلەپچىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىرى N95 ماسكىسى ئىشلەپچىقارغان. 2-ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى رويخەتكە ئېلىنغان بىرىنچى، ئىككىنچى تۈردىكى مۇداپىئە ماددىي ئەشياسى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ئىچىدىكى 12سى ماسكا ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى N95 ماسكىسى ئىشلەپچىقارغان.

   23 كارخانا ئىچىدە، قەشقەر لىمى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، توقسۇن ناھىيەسى خۇادى كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، مارالبېشى ناھىيەسى سىلۇ مىڭجۇ كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 7 كارخانىمۇ پات ئارىدا ماسكا ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدىكەن.

   دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، توققۇزتارا ناھىيەسى جۇڭكاڭ تېببىي ماتېرىيال چەكلىك شىركىتى N95 ماسكىسى ئىشلەپچىقارغاندىن باشقا، شىنجاڭ ئالتۇن تىيانشان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىمۇ پات ئارىدا N95 ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرىدىكەن، توقسۇن ناھىيەسى خۇادى كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، خوتەن تەيخې توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىمۇ مەبلەغ سېلىپ N95 ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان.

   داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكىنى مىكروبسىزلاندۇرۇپ سىناق قىلىش دەۋرىيلىكى ئەڭ تېز بولغاندا 15 كۈن بولىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دورا ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا ۋە N95 ماسكىسى مىكروبسىزلاندۇرۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان ھەمدە تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن بازارغا سېلىنىدىكەن، بۇ جەريانغا ئاز دېگەندە 15 كۈن كېتىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق دورا ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سالامەت ئەلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ماسكىنى مىكروبسىزلاندۇرۇشنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى ئېپوكسى ئېتان بولۇپ، مىكروبسىزلاندۇرۇش ۋاقتى ئادەتتە ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە بولىدىكەن، لېكىن مىكروبسىزلاندۇرغاندىن كېيىن بىر خىل زىيانلىق گاز ھاسىل بولىدىغان بولۇپ، ماسكىنى ھاۋا ئالمىشىدىغان جايغا يەتتە كۈندىن 14 كۈنگىچە قويۇپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن زىيانلىق قالدۇق ماددا يوقايدىكەن.

  «تاشقى كېسەللەر ئوپېراتسىيەسىدە ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا ۋە N95 ماسكىسى ئىنتايىن قاتتىق سىناق قىلىپ تەكشۈرۈلىدۇ، تەكشۈرۈش ۋاقتى ئاز دېگەندە 16 كۈن بولىدۇ، ئەگەر ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدىلا ئىشلىتىلسە ياكى دوختۇرخانىنىڭ مەمۇرىي خادىملىرى ئىشلەتسە، تەكشۈرۈش ۋاقتى 8 كۈندىن كەم بولمايدۇ. بۇ شىنجاڭدا كۆپ قىسىم داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا ۋە N95 ماسكىسىنىڭ بازارغا سېلىنماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى» دېدى سالامەت.

   ماسكا بىلەن تەمىنلەش نىسبەتەن قىس بولغان ئەھۋالدا، سالامەت مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئامما ئىشلىتىدىغان ماسكىنى تېجەپ ئىشلىتىش كېرەك، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكىنى تاقىغاندا، ماسكىنىڭ ئىچى تەرىپىگە بىر پارچە يۇمشاق قول سۈرتۈش قەغىزى قىستۇرۇپ قويسا بولىدۇ، ئەگەر پەقەت سىرتقا كۆكتات سېتىۋېلىش ياكى ئەخلەت تۆكۈش ئۈچۈن ماسكا تاقاپ چىقسا، ماسكىنى بىر نەچچە كۈن تەكرار ئىشلەتسە بولىدۇ، ئىشلەتمىگەندە ماسكىنى چاچ قۇرۇتقۇچتا ئىككى-ئۈچ مىنۇت قۇرۇتۇپ، ئاندىن ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايغا ئېسىپ قويسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى