ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 68گە يەتتى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەنە بىر ئاغرىق مىسالى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، شۇ كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇ ئاغرىق مىسالى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاغرىق مىسالى.
ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 68گە يەتتى، ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلاردىن بەشى بار.