تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېببىي خادىملارنى يەنىمۇ قوغداش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراشقا دائىر بىرقانچە تەدبىرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

تېببىي خادىملارنى يەنىمۇ قوغداش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراشقا دائىر بىرقانچە تەدبىرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى، تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر، يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى، خىزمەت بېسىمى زور، ھەر جەھەتتىن قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش، تېببىي خادىملارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى ھەقىقىي تۈگىتىش، ئۇلارنى باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقى، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچىنى ساقلاپ، داۋاملىق ساغلام بولۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كۈرىشىگە ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن، 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «تېببىي خادىملارنى يەنىمۇ قوغداش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراشقا دائىر بىرقانچە تەدبىرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ۋاقىتلىق خىزمەت ياردەم پۇلى تارقىتىش ۋە بىر قېتىملىق ئۈنۈم مائاشى ئومۇمىي مىقدارىنى تارقىتىشنى ياخشى ئىشلەش، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ۋاقتىدا تەڭشەش، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ۋە تەمىنات كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش، تېببىي خادىملار مەخسۇس سۇغۇرتىسى تەسىس قىلىش، شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سەھىيە ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، سەھىيە كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تولۇقلاش، ئۇنۋان باھالاشتا مايىل بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىشتا مايىل بولۇش سالمىقى ۋە كادىرلارنى تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈپ ئىشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك قاتارلىقلار.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ بىخەتەر، مۇقىم بولغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتى يارىتىپ، بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، ئايرىۋېتىش سورۇنلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرىنچى سەپتە قۇربان بولغان تېببىي خادىملارنى تەقدىرلەشنى ياخشى ئىشلەش، بىرىنچى سەپتىكى ئىلغار تېببىي خادىملارنى باھالاش - تەقدىرلەشنى قانات يايدۇرۇش، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىلغار تىپلارنى تەقدىرلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى