تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىز ھاياتلىقنى قوغداڭ مەن سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلاي

«نەشپۈت شەھىرىلىك ئانا» ۋۇخەندە تېببىي خادىملارنى خالىسانە توشۇدى −

سىز ھاياتلىقنى قوغداڭ مەن سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلاي

شىنجاڭ گېزىتى بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن شيې شياۋيەن

2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، تور تاكسى ئايال شوپۇرىنىڭ ۋۇخەندە تېببىي خادىملارنى ھەقسىز ئىشقا ئاپىرىپ ئەكېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بىر بۆلەك سىن كورلا شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالدى. بۇ سىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلەر پىروگراممىسىدىن ئېلىنغان، سىندىكى ئايال شوپۇرنىڭ ئىسمى خې مىڭرۇڭ بولۇپ، كورلىدىن كەلگەن.

خې مىڭرۇڭنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلى ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ بولغان. 2018 - يىلى، ۋۇخەندە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان كىچىك ئوغلىغا قاراش ئۈچۈن، خې مىڭرۇڭ كورلىدىن ۋۇخەنگە كېلىپ، تور تاكسى شوپۇرى بولغان.

چاغاننىڭ ئالدىدا، خې مىڭرۇڭنىڭ كىچىك ئوغلى بالدۇرلا شىنجاڭغا قايتقان، خې مىڭرۇڭ ئۆزى يالغۇز ۋۇخەندە قېلىپ تاكسى ھەيدىگەن. 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، تېببىي خادىملارنى خالىسانە ئىشقا ئاپىرىپ ئەكېلىش ئۈچۈن تور تاكسىلىرى پىدائىي قوبۇل قىلىشقا باشلىغان، 49 ياشلىق خې مىڭرۇڭ ئىككىلەنمەيلا دەرھال تىزىملاتقان.

«ۋۇخەندە يۇقۇم يۈزبەردى، مەن بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خىزمەتچىلەرگە ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلىدىم» دېدى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خې مىڭرۇڭ مۇخبىرنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.

1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، خې مىڭرۇڭ تېببىي خادىملارنى خالىسانە ئىشقا ئاپىرىپ ئەكېلىشنى باشلىۋەتتى. «ھەر كۈنى سەھەر سائەت 5تە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈز - كۆزۈمنى يۇيۇپ، تامىقىمنى يەپ، سائەت 6لەردە ئۆيدىن چىقىمەن.» خې مىڭرۇڭ مۇنداق دېدى: يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، شەخسىي مۇداپىئەنى ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەيمەن.

خې مىڭرۇڭ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئاپتوموبىلىمدا ئولتۇرغان تېببىي خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى <90 - يىللاردا تۇغۇلغانلار> بولۇپ، مېنىڭ ئىككى بالامنىڭ يېشى بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، مەن ئۇلارنى ئۆز بالامدەك كۆرىمەن، يول بويى ئۇلارغا مۇداپىئەنى ياخشى قىلىڭلار، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار، تاماقنى ۋاقتىدا يەڭلار.... دەپ تاپىلايمەن».

باشقىلارنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىشمۇ ئىللىقلىق، تېببىي خادىملارمۇ ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندە ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە خې مىڭرۇڭغا رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ − ئورۇندۇققا تۇيدۇرماي جۇڭيى دورىسى بولىقى، ئىسپىرت قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى قويۇپ قويىدۇ.

خې مىڭرۇڭ پىدائىي بولغان دەسلەپكى نەچچە كۈندە، چۈشتە پەقەت تەييارچۆپلا يەيتتى. ئاق كۆڭۈل كىشىلەر تور تاكسى پىدائىيلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇلارنى ھەقسىز قاچىلىق تاماق بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى، بۇ، خې مىڭرۇڭنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. «دوختۇرلار ئاغرىقلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، بىز دوختۇرلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز، يەنە بەزىلەر بىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.» خې مىڭرۇڭ مۇنداق دېدى: مەن ۋۇخەننىڭ بىر ئىللىق شەھەر ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

ۋۇخەن مەھەللىلەرگە قارىتا يېپىق باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، ئاپىرىپ ئەكېلىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، خې مىڭرۇڭ ئاپتوموبىلىنى توك زەرەتلەش پونكىتىغا توختىتىپ قوياتتى، چارچاپ كەتسە ئاپتوموبىلىدىلا ئۇخلايتتى. ھەرقايسى جايلاردىن ۋۇخەنگە ياردەمگە كېلىدىغان تېببىي خادىملار بارغانسېرى كۆپەيدى، توشۇشقا بولغان ئېھتىياجمۇ كۆپەيدى، يېقىندا خې مىڭرۇڭ ھەر كۈنى 13 - 14 سائەت ئىشلەپ، جەمئىي 400 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تېببىي خادىمنى ئاپىرىپ ئەكەلدى.

«يۇرتۇم كورلا مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر، يۇرتۇمدىمۇ نۇرغۇن ئادەم ئۆزلۈكىدىن كوچىلارغا چىقىپ پىدائىي بولدى، مەسىلەن، تۆت كوچا ئېغىزىدىكى قاتناش يېتەكچىسى، يېشىل لېنتا مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئىگىسى قاتارلىقلار. ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم ۋۇخەندە مەنمۇ پىدائىي بولدۇم، يۇقۇم تۈگىگەندىن كېيىن، مەن يەنە مۇھىت ئاسراش پىدائىيسى بولىمەن» دېدى خې مىڭرۇڭ.

لى جېڭدۇڭ كورلا شەھىرىدىكى يېشىل لېنتا پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى. 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن باشلاپ، 122 يېشىل لېنتا پىدائىيسى كورلا شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ۋوگزال، مەھەللە بىرىنچى سېپىدە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. خې مىڭرۇڭنىڭ سىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق دېدى: «خې مىڭرۇڭ يۇرتىمىزدىكى خەلققە شەرەپ كەلتۈردى، ئۇ ۋۇخەندە پىدائىي بولدى، بىز يۇرتىمىزدا پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىپ، ئوخشاش بىر يۇرت - ماكاننى قوغداۋاتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى