تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يەنە ئىككى كارخانا داۋالاش مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ۋە خام ماتېرىيالىنى ئىشلەپچىقاردى

شىنجاڭ جىرۈيشياڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت رايونىدا، ئىشچىلار يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسى بىلەن پولات ماتېرىياللارنى توشۇماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ما يۆ خەۋىرى، فوتوسى): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ كارخانىلىرى تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەڭشەپ، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئۇنىڭ خام ماتېرىيالىنى ئىشلەپچىقاردى. 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ جىخۇا 7555 كەسپىي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن، يەنە ئىككى كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەڭشەپ، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئۇنىڭ خام ماتېرىيالىنى ئىشلەپچىقارغان.

  بۇ ئىككى كارخانا ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ جىرۈيشياڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ لەنشەن تۇنخې پولىئېستېر چەكلىك شىركىتى.

شىنجاڭ جىرۈيشياڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى سېتىۋالغان تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش تولۇق ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنا زاۋۇتنى ھورداپ دېزىنفېكسىيەلىمەكتە.

  شىنجاڭ جىرۈيشياڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئەسلىدە ئىشخانا، ئۆي جاھازلىرى ئىشلەپچىرىدىغان كارخانا ئىدى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەڭشەپ، ئايرىپ داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان كارىۋات ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى زورايتتى، نۆۋەتتە ئىككى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تەڭشىلىپ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 600گە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، كارخانا بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە مەخسۇس ماسكا يىغىۋېلىش ماشىنىسىنى بازارغا سېلىپ، تاشلىۋېتىلگەن ماسكىلارنى مەخسۇس يىغىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  «كارخانىمىزنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان كارىۋات، دېزىنفېكسىيەلەش ئۈسكۈنىسى ۋە ئۈسكۈنە ياساپ ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتى بار، بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشتى، بىز ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە پولات تۇرۇبا، پولات تاختا قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان كارىۋات، ماسكا يىغىۋېلىش ماشىنىسى قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەمىناتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق» دېدى شىنجاڭ جىرۈيشياڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي باش نازارەتچى ياڭ سۇڭچياڭ.

  سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونى ئۈچ كادىرنى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. شىنجاڭ جىرۈيشياڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى پولات بۇيۇملىرىنى ياساش زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى جى لىن مۇنداق دېدى: باغچە رايونىدىكى كادىرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كارخانا بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش--تىزگىنلەشنى، يەنە بىر قولدا ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتتى، زاۋۇتنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن كىرگۈزدى ۋە چىقاردى، كىرىپ-چىقىشتا شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈشىگە يول قويمىدى، زاۋۇت رايونى بىلەن ئۇچراشتۇرمىدى، ياتاق، زاۋۇت رايونى قاتارلىق رايونلارنى تۆت سائەتتە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيەلەش، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرۇپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  شىنجاڭ لەنشەن تۇنخې پولىئىستېر چەكلىك شىركىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئېلىپ باردى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى تيەن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانا بۇلتۇردىن ھازىرغا قەدەر ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، كارخانا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى باشلىدى، كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش قاتارلىق خىزمەتلەردىن باشقا، بارلىق توپلىشىش خاراكتېرلىك يىغىنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تېلېفون، سىن ئەندىزىسى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تەڭشىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىسىتىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ بويىچە 23 كارخانا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، ماسكا، ئايرىش كىيىمى، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقارغان. نېفىت خىمىيە سانائىتى تۈرىدىكى كارخانىلار ئىچىدە، جۇڭگو نېفىتلىكى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرى ماددىي ئەشيالىرى ۋە ئۇنىڭ خام ماتېرىيالى __ پولىپىروپىلېن S2040 مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى