تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاغرىقلارغا كېچە-كۈندۈز ئىللىق مۇئامىلە قىلغان شىپاخانا باشلىقى ئالمۇرات

ئالمۇرات ئىسھاقبېك خىزمەت قىلماقتا

ئالمۇرات ئىسھاقبېك كېسەل كۆرمەكتە

3-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچىدە، يان تېلېفون ياستۇق ئۈستىگە قويۇلغان، سۆزلىشىش ئاپپاراتى، چاپان كارىۋات بېشىغا قويۇلغان ئىدى، ئاۋاز ئاڭلانغان ھامان، قولنى سوزسىلا ئۇنى ئالالايتتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئالمۇرات ئىسھاقبېكنىڭ كېچىلىك ئارامى مۇشۇ ھالەتتە ئۇدا 30 نەچچە كېچە داۋاملاشتى.

ئالمۇرات ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى قارادالا بازارلىق شىپاخانىنىڭ شىپاخانا باشلىقى. بازارلىق شىپاخانا چوڭ ئەمەس، تېببىي خادىملاردىن ۋاقىتلىق يۆتكەپ كېلىنگەنلەردىن باشقا، 66 خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىدا ئىدى.

يان تېلېفون 24 سائەت ئوچۇق تۇرۇش

تېكەس ناھىيەسى بارلىق دوختۇرخانا، شىپاخانا، ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقلىرىنىڭ يان تېلېفون نومۇرىنى تور، مەھەللە، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق ھەرخىل يوللار ئارقىلىق پۈتۈن ناھىيەدىكى پۇقرالارغا ئېلان قىلدى، ئالمۇراتنىڭ يان تېلېفون نومۇرى دەل شۇ تىزىملىكتە بار ئىدى.

قارادالا بازىرىدا 11 كەنت بار، ئەڭ يىراقتىكى چارۋىچىلىق كەنتى بازارغا 90 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ بىر قىسمى تاغ يولى. ئالمۇرات ۋە شىپاخانىدىكى بارلىق تېببىي خادىملارنىڭ يان تېلېفونى 24 سائەت ئوچۇق بولۇپ، ھەر ۋاقىت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىدى.

70 ياشلىق جوۋ چۈنشەن قارادالا بازىرى قاراغاشتى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئۇزۇن يىلدىن بۇيان دورىدىن ئايرىلالمايتتى. بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى يېرىم كېچىدە، ئۇ دورىسىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بايقاپ، يېرىم كېچىدە كېسىلىنىڭ قوزغىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئالمۇراتقا تېلېفون بەردى، 20 نەچچە مىنۇت ئۆتۈپلا، دورا ئۇنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈلدى.

«شۇ چاغدا كېچە سائەت 11:00دىن ئاشقانىدى، مەن تېلېفون بەرگەندە ناھايىتى ئەنسىرىدىم، لېكىن شىپاخانا باشلىقى ئالمۇرات دورىنى دەرھاللا تەييارلاپ قويۇپتۇ.» جوۋ چۈنشەن تېلېفوندا مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

يىغلاڭغۇ كىچىك ئاغرىققا يولۇققاندا «ياردەمچى قوشۇن تەكلىپ قىلىش»

2-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، ئالمۇراتنىڭ يان تېلېفونى سايرىدى، تېلېفوندا بىر ئانا جىددىيلەشكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «شىپاخانا باشلىقى ئالمۇرات، بالام قىزىپ قالدى، قانداق قىلسام بولار؟»

ئالمۇرات بۇ ئانىغا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپىلاش بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا «ھازىرلا يېتىپ بارىمىز» دېدى.

تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن، ئالمۇرات چاپىنىنى كىيىپ، سۆزلىشىش ئاپپاراتىنى ئېلىپ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى شوپۇرى ۋە سىستېرالارنى چاقىردى، كۆپچىلىك تېزلا يىغىلىپ، 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چارۋىچىلىق رايونى قاپسالاڭ كەنتىگە قاراپ يولغا چىقتى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش باسقۇچىغا ئاساسەن، ئۇلار بۇ كىچىك ئاغرىقنى شىپاخانىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، قېنىنى تەكشۈردى، كۆكرىكىنى رېنتگېندە تەكشۈردى، ئالدىن تەكشۈرۈپ ئايرىپ دىياگنوز قويۇش دوختۇرى دورا كېسىپ بەردى ھەمدە بىمارنى كېسەلخانىدا يېتىپ كۆزىتىشكە ئورۇنلاشتۇردى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدىكى ئۇستاملارنى ئۇلارغا تەملىك تاماق ئېتىپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

لېكىن شىپاخانىنىڭ ناتونۇش مۇھىتى ھەمدە ئاغرىپ بىئارام بولۇش سەۋەبىدىن كىچىك ئاغرىق يىغلاپ كەتتى، ئالمۇرات بىلەن تېببىي خادىملار خېلى ئۇزۇن تەسەللىي بەرگەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن، ئالمۇرات سىن ئارقىلىق «ياردەمچى قوشۇن» تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ بالىسىغا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ، بالىسىنى سىن ئارقىلىق كىچىك ئاغرىققا ھەمراھ بولۇپ پاراڭلاشقۇزدى.

شۇنداق قىلىپ، ئىككى بالا ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلىرى، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتابلىرىنى دېيىشتى، يۇقۇم تۈگىگەندە بىللە ئويناشقا كېلىشتى.

«ھازىر خىزمىتىمىز تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇۋاتىدۇ، ئىلگىرى ئاغرىقلار كېسەلخانىدا تاماقنى ئۆزى ھەل قىلاتتى، ھازىر شىپاخانا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ.» ئالمۇرات مۇنداق دېدى: ئالاھىدە مەزگىلدە، خىزمەتتە كەسپىيلەشسەكلا، پ‍‍ۇقرالارنى ت‍‍ېخىمۇ خ‍‍اتىرجەم ق‍‍ىلغىلى ب‍‍ولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى