تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

موماي نەۋرىسىگە «ۋۇخەن، غەيرەت قىل» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن جىلىتكە توقۇپ بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فۇ رۇچېن خەۋىرى، فوتوسى): 70 ياشلىق موماي ئامىنە ئەنۋەر 10 كۈندە قوي يۇڭىدىن يىپ ئېگىرىپ، ئىككى يېرىم ياشلىق نەۋرىسى بىبولغا «ۋۇخەن، غەيرەت قىل» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن بىر جىلىتكە توقۇپ بەردى.

  ئامىنە ئەنۋەرنىڭ نەۋرىسىنىڭ «ۋۇخەن، غەيرەت قىل» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن جىلىتكىنى كىيىپ چۈشكەن سۈرىتى شۇ جايدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تارقىلىپ، تور ئەھلىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

  ئامىنە ۋە ئوغلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، موماي نەۋرىسىگە توقۇپ بەرگەن «ۋۇخەن، غەيرەت قىل» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن جىلىتكىنى يېقىندا مەھەللە خىزمەتچىلىرى كۆرۈپ، سۈرەتكە تارتىپ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تور ئەھلىنىڭ قەلبىنى ئىللىتى، كۆپچىلىك ناھايىتى ماختاشتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە بەس-بەستە تارقاتتى.

  ئامىنە 1997-يىلى سېسترالىق ئىش ئورنىدىن پېنسىيەگە چىققان. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، موماي يۇقۇم ئەھۋالىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدى. ئۇ ئالدىنقى سەپتىكى تېببىي خادىملاردىن ئەنسىرىدى، يېقىندىن بۇيان يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، كەيپىياتىمۇ ياخشىلىنىپ قالدى.

  موماينىڭ ئوغلى داۋلەت ئابدۇرېشىت قاراتوقاي بازارلىق ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلاتتى، ئۇ ئىزچىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاپام ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئويغىنىپلا ماڭا تېلېفون قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىنى سورايدۇ، ئۇ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن بالدۇرراق ئۆتۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئامان-ئېسەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ».

    بەزى ئاغرىقلارنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئامىنە خاتىرجەم بولدى، ئۇ ھەر كۈنى تاماقتىن كېيىن، قوي يۇڭىدىن ئاز-ئازدىن يۇڭ يىپ ئېگىردى.

ئامىنە ئەنۋەر نەۋرىسىگە «ۋۇخەن، غەيرەت قىل» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن جىلىتكە توقۇماقتا.

ئامىنە ئەنۋەر توقۇغان «ۋۇخەن، غەيرەت قىل» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن جىلىتكە.

  10 كۈندە يىپ ئېگىرىش، توقۇش، كەشتىلەش ئارقىلىق، جىلىتكە 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتتى. «ياشىنىپ قالدىم، دوختۇر، سېسترالار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلالمايمەن، مەن ئۇلارنىڭ ئامان-ئېسەن بولۇشىنى، بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ، باھار كەلدى، دېمەك يېڭى ئۈمىدمۇ كەلدى، شۇڭا بىز ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەت قىلىشىمىز كېرەك» دېدى ئامىنە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى