تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلىشى كېرەك؟ بۇ تارماقلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرۈپ باقايلى

  

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىر كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۆرسەتمە» (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ) دېيىلدى)نى ئېلان قىلدى. 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بۇ «كۆرسەتمە» (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)گە چۈشەنچە بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ يۈرۈشۈشنى كۆزىتىش-ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو رۈيبىن مۇنداق دېدى: ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەر بىر كارخانا «كۆرسەتمە» (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)نىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆز كارخانىسىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئىچكى قىسىمدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى ئورنىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، كارخانىلار خادىملارنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىش پىلانىنى مۇۋاپىق تۈزۈپ، ئالدى بىلەن كارخانا باشقۇرۇش خادىملىرى، تېخنىك خادىملارنى ئىش ئورنىغا قايتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئىش ئورنىغا قايتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان كارخانىلار ئىش ئورنىغا قايتىشقا تەرتىپلىك تەشكىللەپ، ھۆددە ئايروپىلان، مەخسۇس پويىز، ھۆددە ئاپتوموبىل قاتارلىق ئۇسۇللارنى بىر تۇتاش قوللىنىپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئۇسۇلى ئارقىلىق كارخانىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، رايونغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش پىرىنسىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئىشنىڭ جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تەرتىپلىك تەشكىللەش كېرەك. كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى، نېفىت خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىشى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار(بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %76.4 بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى دۆلەت كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى، دۆلەت ئىگىلىكى، خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق كەسىپلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىزچىل تۈردە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى داۋاملاشتۇردى، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى داۋاملىق ئەسلىگە كەلمەكتە.

  ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر خۇ يەن مۇنداق دېدى: «كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەشكىلىي رەھبەرلىكى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى